552w
Alkin「Perfect life」
(Hi No. 1436624)
شاھزادە سىرتقا ئوۋغا چىقىپ، ئىتىنى ئۆيدە بالىسىغا قاراشقا تاشلاپ قويۇپتۇ، ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ قارىسا ھەممە يەر قان يۇقى، بالىمۇ يوق، ئىتقا قارىسا ئاغزىدىكى قان يۇقىنى يالىغاچ شاھزادىگە خوشاللىق بىلەن قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، قاتتىق غەزەپكە كەلگەن شاھزادە شەمشىرىنى چىقىرىپ ئىتتىن كۆكسىگە ئۇرۇپتۇ، ئىت ئېچىنىشلىق ئىڭراپ، قان داغلىرى بىلەن بويىلىپ كەتكەن گىلەم ئۈستىدىكى بالىنى ئۇيغىتىۋېتىپتۇ، شۇندىلا شاھزادە ئۆينىڭ بۇلىڭىدا ياتقان بىر ۋەھشى بۆرىنىڭ ئۆلىكىنى كۆرۈپتۇ.......... جاھاندا نۇرغۇن ئىشلار سىزنىڭ كۆرگىنىڭىزدەك، ئاڭلىغىنىڭىزدەك بولىشى ناتايىن، پەقەت باشقىلارغا كۆپرەك پۇرسەت بېرىپ، سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرشىنى ئاڭلىغاندىلا كىشىلىك ھاياتتا ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار ئاز بولىدۇ، سورىماسلىق، دىمەسلىك، چۈشەندۈرمەسلىك قانداقتۇر نوچىلىق ئەمەس، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، تەڭسىزلىك. مەن سورىمىسام + سەن دىمىسەڭ = مانا بۇ ئارىلىق. مەن سورىسام + سەن دىمىسەڭ = مانا بۇ پەرق. مەن سورىسام + سەنمۇ دىسەڭ = مانا بۇ ھۆرمەت. سىنىڭ دىگىڭ بار + مىنىڭمۇ بىلگۈم بار = مانا بۇ كىلىشىش. مەن سورىمىسام + سەن دىسەڭ = مانا بۇ ئىشەنچ. كۆڭۈل يېقىن بولسا، سۆز ھەرىكەتمۇ ناھايىتى تەبىئىي بولىدۇ. كۆڭۈل يىراق بولسا، سۆز ھەرىكەتمۇ كۈزدىكى غازاڭدەك تۆكىلىدۇ. ئارىلىق قانچە يىراق بولسۇن، كۆڭۈل يىراق بولمىسۇن، ھەرقانداق ۋاقىتتا: پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.