553w
Fatimaaaaa
(Hi No. 3583124)
قىز يول بويىدا بىردەم ماشىنا ساقلاپ تۇرغاندىن كېيىن، بىر كىرا ماشىنىسىنىڭ قۇرۇق كىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى-دە، قولىنى يىنىك كۆتىرىپ ماشىنىنى توستى. ماشىنا توختىغاندىن كېيىن ئاۋايلاپ ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا چىقىپ ئولتۇردى. بىراق، شوپۇرغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. چۈنكى شوپۇر باشقا ئادەم ئەمەس، ئۇ ئىدى ,بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى ئۇلار ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك ئاشىق-مەشۇقلاردىن بۇلۇپ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قارشى تۇرغاچقا ئامالسىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئىدى. قىز شۇلارنى ئويلىغاچ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى: ياخشىمۇسىز؟ يىگىت ئۇنىڭغا ئەينەكتىن كۈلۈمسىرەپ قارىغاچ جاۋاپ قايتۇردى -ياخشى...ئۆزىڭىزچۇ؟ -مەنمۇ ياخشى رەھمەت، قىز شۇنداق دىگەچ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ماشىنا رولىنى مەھكەم تۇتقان، يىنىك تىترەپ تۇرغان قولىغا قارىدى. كۆردىكى، ئۇ ئون يىل ئىلگىرى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان سائەت، ئۇنىڭ قۇلىدا پارقىراپ تۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ قىز رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدى. كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ ئېقىپ چۈشتى, بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، قىز مەنزىلگە يىتىپ باردى. ۋە ئۇنىڭغا «خەيرى-خوش» دىگىنىچە ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى. يىگىت ماشىنا ئەينىكىدىن كۆردىكى، ئۇنىڭ قول سومكىسىدا ئۆزى ئون يىل ئىلگىرى قىزغا سوۋغا قىلغان كىچىككىنە قونچاق ئېسىقلىق تۇراتتى . قىزنىڭ يىراقلاپ كېتىپ بارغان سىماسىغا قاراپ،يىگىت تۇيۇقسىز،قاتتىق ھاياجانلاندى دە،ماشىنىدىن چۈشۈپ ۋارقىرىدى: -ھەي نايناق،كىرا پۇلىنى تۆلىمەي ماڭدىڭغۇ؟ قىز ئارقىسىغىمۇ قارىماي ۋارقىرىدى: قولۇڭدىكى سائەتنىڭ ئون يىللىق ئىجارىسىنى ھىساپلىۋال رىمونتچى قاسماق!