553w
🍃高贵♂Ren🍃
(Hi No. 3555859)
دۇنيا ماڭا بەردىم دەپتۇ ئالدىممىكىنتاڭ؟ بەرگىنىنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىممىكىنتاڭ. ئىلكىمدە يوق،ئۆشنەمدە يوق يادىمدا ئاندىن، كىملەنىڭدۇر يانچۇقىغا سالدىممىكىنتاڭ. بەخت دىسە يىللار ماڭا ئۆمۈر بەردى راست، شۇنچە ياشاپ شۇ ئۆمۈرگە قاندىممىكىنتاڭ، ھايات يولى قالتىس دىگەن يالغان گەپ ئىكەن، كىم بىلىدۇ يا مەن خاتا ماڭدىممىكىنتاڭ. ئايرالمىدىم بۇ ھاياتنى ئوڭۇممۇ چۈشۈم، دەرتمەنلىكتە ئىچىپ قويۇپ قايدىممىكىنتاڭ، ئەسكىلەرگە ئارلاشتىڭ دەپ ئۇرغانلىرى راست، ئۇرماس ئىدى مەن ئۇلاردىن تاندىممىكىنتاڭ. تەغدىرىمدە يەرگە چۈشكەن بىرتال ئۇرۇقمەن، ئۈنگىنىم راست ئەمما پىلەك يايدىممىكىنتاڭ. شېئىرلىرىم بۇلۇتلارغا چىققاندەك قىلغان، ئېتىزلارغا يامغۇر بولۇپ ياغدىممىكىنتاڭ. شائېرلىقنىڭ ئاسمىنىدا ياكى شام بولۇپ، قاراڭغۇنى يورۇتقىدەك ياندىممىكىنتاڭ. ئارزۇ دىگەن باشقا ئىكەن،ئارزۇگۈل باشقا، ياقتۇرمىسا مەن ئۆزۈمنى تاڭدىممىكىنتاڭ. ئۆمرۈم بويى چال دىگەنگە چالدىم چاۋاكلار، ئەمدى چالماس بوپقاپتىمەن ھادىممىكىنتاڭ. چاتقاللاردىن ساق چىققىنىم غەنىمەت ماڭا، جىمىپ قالدىم ئەتىمالىم چاندىممىكىنتاڭ.