551w
فى سبيل الله
(Hi No. 1860433)
مۇسۇلمانلارنى مۇستەملىكە قىلماقچى بولغانلار، ئۆز ۋاقتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزى ۋە كۈچ-قۇۋۋەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىگە چىداپ تۇرالمىغانلار ۋە ئىسلام دىنىغا دۈشمەنلىك مەۋقەسىدە بولغانلار ئەڭ دەسلەپ سەزگەن ھەقىقەت مۇسۇلمانلاردىكى ئىسلام ئەخلاقىنىڭ كۈچى بولدى.دېمەك، كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان ئۆزلىرىدە بولغان قىممەتلىك جەۋھەرنى تونۇمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى بۇ جەۋھەرنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن ۋە مۇسۇلمانلارنى بويسۇندۇرۇشنىڭ يولى ئالدى بىلەن ئۇلاردىكى ئىسلام ئەخلاقىدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك جەۋھەرنى چىرىكلەشتۈرۈپ، ئاندىن يوقىتىپ تاشلاش ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.
ئۇلار ئىسلام ئەخلاقىغا مۇنداق بىر قانچە تەرەپتىن ھۇجۇم باشلاتقان:
1. دىن دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلاردىكى ئەخلاق مەنبىئى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش ئەقىدىسى ئىكەنلىكى بىلگەندىن كېيىن، بار كۈچى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىغا خۇداسىزلىق پىكرىنى تارقىتىشقا كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دۇنياسىغا ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياۋروپادىكى چىرىكلەشكەن خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپا زىيالىيلىرى بىلىپ-بىلمەي كۆتۈرۈپ چىققان «سېكۇلارىزم»،« ئاتېئىزم» ئېقىملىرى كىرىشكە باشلىدى.
2. دىن دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى بولغان قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسلەرنى توغرا يوسۇندا چۈشىنىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرىشى ئۇلارنى ئىمانىي كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنى يامان غەرەزلەر بىلەن تەۋىل قىلىش، ئىسلامىي بىلىملەرنى تەتۈر چۈشەندۈرۈش، ئەقىدە مەسىلىلىرىدە شەك پەيدا قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئىشلىدى.
3. دىن دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلاردىكى كۈچ-قۇۋۋەت مەنبىئى بولغان ئىسلام ئەخلاقىنى يوقىتىشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ۋە كۆزلىگەن ئارمانلىرىغا يېتىدىغانلىقىنى جەزم قىلغاندىن كېيىن، بارلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇشقا ئۆتتى. بۇ يولدا ئۇلار گاھ مۇسۇلمان ياشلىرىنى شەھۋانىي قىلىقلارغا ئۈندەش، گاھ پۇل-مالغا مەپتۇن قىلىش، گاھ ياۋروپا جەمئىيىتىنى ئۇلار ئۈچۈن ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىشتە ئۇلارنى قايىل قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىنى قوللاندى.
مۇستەملىكىچىلەرنىڭ نۇتۇقلىرىدىن نەمۇنىلەر:
1. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەب دۇنياسىغا «خرىستىئان دىن تارقاتقۇچىلىرى»نى ئەۋەتىش كومىتېتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر سەمۇئىل زۇۋەيمىر1935-يىلى بەھرەيندە چاقىرىلغان خرىستىئان دەۋەتچىلىرى قۇرۇلتىيىدا مۇنداق دەپ سۆزلىگەن:« سىلەرنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ۋەزىپەڭلار مۇسۇلمانلارنى خرىستىئان دىنىغا كىرگۈزۈش ئەمەس. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلىغانلىق ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغان سانىلىدۇ. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىدىن چىقىرىپ، ئاللاھ بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، مىللەتلەرنىڭ يېقىلماسلىقىدا تايانچىسى بولغان ئەخلاق بىلەن ۋىدالاشقان مەخلۇقلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتۇر. شۇنداق قىلغاندىلا سىلەر ۋەزىپەڭلەرنى شەرەپلىك ئادا قىلغان ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش قوشۇنىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بولىسىلەر. سىلەرنىڭ 100يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ۋەزىپەڭلەرگە مۇبارەك بولسۇن......»[4]
2. فرانسىيىلىك خرىستىئان دىن ئادىمى 1922-يىلى فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئەرەب مەملىكەتلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش ئالدىنقى سېپىدىكىلەرگە بەرگەن تەلىماتىدا مۇنداق دېگەن: « سىلەرنىڭ ئالدىنقى ئىشىڭلار ئائىلە ئەزالىرىنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىش بولسۇن، ئەخلاقنى ئۇلاردىن يىلتىزى بىلەن ئېلىپ تاشلاڭلار. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى ئائىلە باغلىنىشلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ۋە ھارام ئىشلارغا يېقىنلىشىشقا مايىل كېلىدۇ، قاۋاقخانىلاردا گەپ سېتىپ ئولتۇرۇپ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ئەۋزەل كۆرىدۇ.»[5]
3. كارل ماركس بىلەن ئېنگلىس ئېلان قىلغان كوممۇنىزم خىتابنامىسىدا مۇنداق دېيىلگەن:« ئەخلاق ۋە دىن دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇرژۇئازىيىنىڭ خىياللىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارقىسىغا بۇرژۇئازلارنىڭ مەنپەئەتلىرى يوشۇرۇنغا