Avatar
577w
نۇرلۇق قەلىب (Hi No. 3272915)
"جىنايەت"

‏‏ئۇيغۇر تۇرۇپ ئانا تىلدا سۆزلىشىڭمۇ جىنايەت،
‏ئەركىنلىكنى ھۆرلۈكنى كۆزلىشىڭمۇ جىنايەت،
‏ساقال رومال ،ھەم دوپپا كىيىشڭمۇ جىنايەت،
‏ساغلام ئىتقاد دىنىڭنى قوغدىشىڭمۇ جىنايەت،
‏ئۇرۇق-تۇققان يارەننى يوخلىشىڭمۇ جىنايەت.
‏
‏ئانا تىلدا سۆزلىشىپ قىينالغاندۇق بىر زامان،
قوش تىلمىز بار بولدى، گەپلىرمىز بەك"راۋان",
‏قىلسا گەپنى خەنلەرچە"لى خەي"دەيدۇ ئۇ"يامان"
ئاتا-بالا ئوتتۇرسىدا،كىم بۇلاركىن تەرجىمان
‏خەن تىلنى كەمسىتىش،ئۈگەنمەسلىك جىنايەت.

‏‏‏ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرچە،سالاملىشىپ نىمە كەپتۇ،
"‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم",«نى خاۋ»لارغا يەتمەيدۇ،
‏"‏ﻣﯩﻦ كاۋ خەن"غۇ بولدىغۇ،ئۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ،
‏ئانا تىلىم "ئۇيغۇر "دەپ مەكتەپلەردە يىغلايدۇ....
‏ئۇيغۇر تۇرۇپ ئانا تىلدا،سۆز قىلىشمۇ جىنايەت.
‏
‏خاس ھاجىپ مەھمۇدقا،ساقال سۇمبات ياراشقان
‏‏تىرورچى دىمگەن دۇنيادا،نەچچە دۆلەت تالاشقان،
‏كۇڭزنى چەتكە قاقمايدۇ،ئالمىمىز دەپ ماختاشقان،
‏ئەجدادىمىز ئەزەلدىن ،ساقال بىلەن قاملاشقان،
‏بىزگە ساقال چىقمايدۇ،سىنىڭ قۇيشىڭ جىنايەت.
‏
‏رومال ئاتسا ئانمىز ،كومپارتىيەگە ئېغىر كەپتۇدەك،
‏تىرورچىلار دەپ تىللىشىپ،ھىجابىنى يىرتىپ ئاتقۇدەك،
‏چىققىن بىزدەك باغچىغا،چاڭچىلە ئوينا دەلتىدەك،
‏ھايۋان بىزنىڭ ئەجدادىمىز،سەنمۇ بولغىن دەپتىدەك،
‏ئىمان ئەخلاقلىق،ياشىشىڭ،بۇمۇ ئېغىر جىنايەت.
‏
‏‏كومپارتىيە بەك ياخشى ،بىزنى قوغداپ ئۆلگىچە
‏‏ئىلگىرى ئۆيدە ئىت بىقىپ،قىينالغانتۇق كۆنگىچە،
‏ئىگسگە سادىق بۇ ئىتلار،بېقىپ تۇرار ئۆيگۈچە،
‏ئاش بەرمىسەكمۇ كەتمەيدۇ،كىيىملىرى ئۆزگىچە،
‏بۇ ئىتلارنى باقماسلىق،ياكى ھەيدەش جىنايەت.
‏‏
‏‏تەربىيلەپ بەردى ئاخۇننى،قانۇن سىياسەت ئۇنتۇلماس
‏ئىمام بولمىسا مەسچىتتە،شۇ كۈن ناماز ئۇقۇلماس،
‏خېتى بولمىسا بىر جۈپنىڭ،قەتتى نىكاھ قۇشۇلماس،
‏پەتىۋا پىشمىسا ئاخۇنۇم،«تىرورچى»بۇلۇپ تۇنۇلماس،
‏شەرىئەتكە ئامال بار،«قانۇننى »بۇزۇش جىنايەت.
‏
‏بەكمۇ ياخشى سىياسەت،گازنى غەرىپكە يەتكۈزۈش،
‏يۆتكەپ دەرھال ئىچكىرگە،بايلىقنى قېزىپ تەكشۈرۈش،
‏ئىسىل ئۆينى چېقۋېتىپ،«ئەمىن»ئۆينى تەككۈزۈش،
‏ماقۇل بولمىسا بۇيرۇققا،دۇكاننى پىچەتلەپ ئەتكۈزۈش،
‏ئەجەپ ياخشى بۇقانۇن،قارشى چىقىش جىنايەت.
‏
‏ئىجرا قىلدۇ قانۇننى،ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلمايدۇ،
ئۈتەپ كەتسەڭ چىراقتىن،گۈشىيىپ قاراپ تۇرمايدۇ،
ئىككى پاي ئوقتا ئېتىپ قۇيدۇ،تىللاپ ياكى ئۇرمايدۇ،
‏«ئاتامسەن؟»دىسەڭ مۇشنىڭغا،نەگە بارساڭ سورىمايدۇ،
!قاراپ ماڭغىن چىراققا ،ئېتلىپ كىتسەن جىنايەت.
‏‏
ئابدۇلھەكىم تۈركىستانى.‏

پەقەتلام كۇپرى كۆزقارشىدا جىنايەت
‏
‏
‏
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
1 Comment
سيف الله :577w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms