Avatar
571w
Struggle (Hi No. 3601741)
سەۋىرلەر .
.
نىيازئەلى ئادىل .
.
يىگىت باشىم تارتىپ قالسا دەرىد ـ ئەلەم، .
رەببىم ماڭا سەۋىرلەر بەر سەۋىرلەر. .
كېلىپ قالسا باشلىرىمغا تالاي غەم، .
رەببىم ماڭا سەۋىرلەر بەر سەۋىرلەر. .
.
گۈل دەپ تىكسەم ئازغان ئۈنسە بېغىمغا، .
ئۈششۈك تەگسە گۈزەل ياشلىق چېغىمغا، .
تىغ تەگسىمۇ كۆكلەپ تۇرغان شېخىمغا، .
رەببىم ماڭا سەۋىرلەر بەر سەۋىرلەر. .
.
كۆڭۈل بەرگەن تاشلاپ كەتسە كۆڭلۈمنى، .
بىۋاپالار ئويۇن بىلسە سۆيگۈمنى، .
دۈشمەنلىرىم ئۆتەڭ قىلسا ئۆيۈمنى، .
رەببىم ماڭا سەۋىرلەر بەر سەۋىرلەر. .
.
توزىسىمۇ يۈرەكتىكى ئارمىنىم، .
كۈل بولسىمۇ باھاردىكى باغلىرىم، .
غۇلىسىمۇ يۈلەكلىرىم، تاغلىرىم، .
رەببىم ماڭا سەۋىرلەر بەر سەۋىرلەر. .
.
سالسا بىر كۈن شەيتان مېنى ئۇسۇلغا، .
توپا چاچسام ئۆزۈم يايغان سۇپۇرغا، .
قالسام ئەگەر تۈزەپ بولماس قۇسۇرغا، .
رەببىم ماڭا سەۋىرلەر بەر سەۋىرلەر. .
.
2013 ـ يىلى 17 ـ ئۆكتەبىر پەيشەنبە .
غۇلجا مۇڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى .
Tweet
1 like
Like
Like
Like
1 Comment
✿‘, 算了吧 ,‘✿ :ياخشىكەن571w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms