Avatar
570w
(╯JAH@N K@ZDI ╰) (Hi No. 3553928)
بىر كۇنى
‏
‏‏‏قونالغۇكەن بۇ دۇنيا كېتەركەنمىز بىر كۈنى
‏بۇ ھاياتنىڭ سىرىنى بىلەركەنمىز بىر كۈن
گاھ ‏يىغلاپ گاھ كۈلۈپ،قانماي رەڭدارھاياتقا
‏قارا-زۇلمەت قەبرىگە كىرەركەنمىز بىر كۈنى
ئــــــۇزاق يـــــــول ئـــــــۇزاق يــــــول
‏
‏بىز قانمىغان دۇنيالار قالار بىزنى ئۇزىتىپ
‏دۇئا قىلار ئەزىزلەر تۆكۈپ كۆزدىن يېشىنى
سوراق قىلارلەھەتتە ياخشى-يامان ئەمەلدىن
‏مۇزدەك تۇپراق قوينىدا تىترەركەنمىز بىركۈنى
‏
بەرگەنىدى رەببىمىز سان-ساناقسىز نېئمەتلەر
ياشاش يولى ئۆگەتكەن نازىل قىلىپ قۇرئاننى
ئۈلگە ئىدى بىزلەرگە رەسۇل ئەكرەم سۈننىتى،‏
‏ئۆگەنمەپتۇق بىلمەپتۇق دەپ يىغلايمىز بىر كۈنى
‏
بىخۇدلۇقتا ئەگەشتۇق ‏لەنەتگەردى شەيتانغا
مەئىشەتتە-غەپلەتتە تەرك ئەتتۇق ھەق يولنى. ‏
‏دۆڭگەپ ھەتتا ياشلىققا ئېچىۋەتتۇق ئەۋرەتنى
‏ھىجابلىنىپ كېپەندە ياتاركەنمىز بىر كۈنى
‏
‏قۇرۇق قوللا كەلگەنتۇق،ئەمدى قانداق قايتارمىز
ئەسقاتماسكەن دۇنيادا ‏يىغقان پۇل ھەم مېلىمىز
قالار ئىكەن بىر ئۆمۈر زىننەتلىگەن ‏سارايلار
‏پەقەت ھەمراھ بولاركەن ئىمانىمىز بىر كۈنى
‏
‏سورىۋالغىن جان دوستۇم قانداقكۈن ئۇدەپ مەندىن
‏دەھشەتلىك بىر كۈندۇرئۇ، زىمىن چاك-چاك يېرىلار
قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچۈپ ، ئالەم چۆكەر زۇلمەتكە،‏
‏بارچە ئىنسان تىرىلىپ مەھشارگاھقا يىغىلار
‏
مىزان-تارازىدا ئۆلچىنەر،نامى-ئەمەل دەپتىرى
‏‏‏‏ھېسابى بارھەرقەدەم ھەر تىنىقنىڭ شۇ كۈنى
‏‏پىلسىراتتىن ئۆتىسەن ، يا يىقىلىپ چۈشىسەن
‏دوۋزاقمۇ يا جەننەتمۇ ئايان بولار شۇ كۈنى
‏‏باقى ئەمەس بۇ دۇنيا،كېلەر ھامان قىيامەت
تەندە تىنىق بولسىلا ‏قىلايلى بىز ئىبادەت
‏ئاخىرەتلىك سەپەرگە ‏دائىم تەييار تۇرايلى .‏
‏ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز تۆۋە قىلساق شۇ كۈنى ....ئۇزاق يول ئۇزاق يول
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms