544w
نۇرلۇق قەلىب
(Hi No. 3272915)
بىر كۈنى ئەبۇبەكرى رەسۇلىللانى يوقلاپ كەلدى.. رەسۇلىللانىڭ كۆرپىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن بەدىنلىرىدىن ئىز چىقىرىۋەتكەن ئىدى..بۇنى كۆرگەن ئەبۇبەكرى يىغلاپ كەتتى. رەسۇلىللا ئەبۇبەكرىدىن سورىدى:ھەي ئەبۇبەكرى نىمىشقا يىغلايسەن؟؟ ئەبۇبەكرى يىغىسىنى ناھايىتى تەستە باستى ھەمدە رەسۇلىللاغا : كىسرا بىلەن قەيسەردەك مەلئۇنلار كاتتا سارايلاردا باي باياشات ياشاۋاتىدۇ لىكىن ئۆزلىرى ئىنسانىيەتنىڭ پەيغەمبىرى تۇرۇپ ئەڭ غۇربەتچىلىكتە ياشادىكەنلا!! بۇنى ئاڭلاپ رەسۇلىللا خۇش چىراي بىلەن ئەبۇبەكرىگەقاراپ: ھەي ئەبۇبەكرى كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ئۇلارغا بۇندۇنيالىق بىرىلسە بىزگە ئاخىرەتلىكىمىز بىرىلسە بىز يەنە رازى بولمامدىمىز!!!!! بۇ دۇنيالىقىمىزدا بىرىلگەن ھەر قانداق نەرسە بىزنى تاشلاپ كىتىدۇ لىكىن ئاخىرەتلىكىمىزدە بىرىلگەنلەر مەڭگۈلۈكتۇر!!!