552w
اِبْرٰاهـِيِمُ
(Hi No. 1373083)
✨بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيم✨….....………….................................................
{ِ وَالتِّينِ وَالزَّيْتُونِ }
….....…………...............
..................................
" ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى، "
….....…………................
.................................
{ وَطُورِ سِينِينَ }
….....…………................
.................................
" سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى، "
….....…………...............
..................................
{ وَهَٰذَا الْبَلَدِ الْأَمِينِ }
….....…………................
.................................
" بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى، "
….....………….................................................
** ھەي دوستۇم راببىمىز ، ياراتقۇچۇمىز مىھىربان ئىگىمىز ئاللاھ تائالا ئەڭ شىرىن ئەڭ ئىسىل مىۋىلەر بىلەن ، قەددى قامەتلىك تاغلار بىلەن ، ئەڭ خاتىرجەم زىمىن بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ بىزگە بىر كاتتا ھەقىقەتنى ئەسلىتىۋاتىدۇ.
….....………….................................................
{ لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ فِي أَحْسَنِ تَقْوِيمٍ }
….....…………...............
..................................
" بىز ئىنساننى شەك - شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق . "
….....………….................................................
**ئۆزۈڭنى كەمسىتمە !!! ئاللاھ قەسەم قىلىدىكى سەن ئەڭ چىرايلىق مەخلۇقسەن!!! سەن شۇنداق گۈزەلسەنكى ، باشقا مەخلۇقلاردىكى گۈزەللىكنى ئوخشىتىپ تۇرۇپ سىنىڭ بىر ياكى بىرنەچچە ئەزايىڭلا ماختىلىدۇ. سەندە ھەممە گۈزەللىك مۇجەسسەملەنگەن. سەن ئايدىن گۈزەل نۇرانە ، تاغدىن قامەتلىق مەردانە ، قۇياشتىن ئىللىق . سەن ئەڭ گۈزەل مەخلۇقسەن!!! مەيۈسلەنمە !!! ئەڭ ھۆرمەتلىكسەن !!! ئۇھسىنما !!! ئەڭ قەدىرلىكسەن !!! ئۈمۈد سىزلەنمە !!! ھەمدە سەن ساڭا بۇ مۇكەممەللىكنى ئاتا قىلغان زاتقا قۇلسەنكى ، ھەرگىز غادايما !!! ئۇنىڭ بۇ نىئمىتىنى ساڭا داۋام قىلىشغا مۇھتاج سەنكى ، ھەرگىز ئۆزۈڭنى بىھاجەت سانىما !!! بۇ رىزىقتىن كاتتا رىزىق يوقكى ، تۇزكورلۇق قىلما !!! گۇناھ قوينىدىن ئۆزۈڭنى تارت !!! گۇناھ يولۇڭدا بۇ شىرىن ھالەتتىن يىراقلىشىۋاتىسەن. تۇزكورلۇق نىئمەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ :
….....………….................................................
{ ثُمَّ رَدَدْنَاهُ أَسْفَلَ سَافِلِينَ }
….....…………...............
..................................
" ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق "
….....………….................................................
** ھەئە ، ئۇنداقلار قەدىرسىز !!! ھۆرمەتسىز !!! ۋە ئەڭ بەتبەشىرە !!! ئۇلاردا بۇ نىئمەتنىڭ تاشقى پوستىلا قالىدۇ !!! ئۇلارنىڭ يۈزىنى نۇرسىز ، كۆڭلىنى خاتىرجەمسىز ، ئاخىرتىنى تەسۋىرلىگۈسىز قاباھەت تاپىسەن !!!
بۇ نىئمەتنى قەدىرلەش ، ئۇنى قوغداشنى بەلكى مەڭگۈ شۇنداق بەھىرلىنىشنى ساڭا ئۇنى ئاتا قىلغۇچى زات ئۆزى بايان قىلغان :
….....………….................................................
{ إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَلَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ }
….....…………...............
..................................
" پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ئەجىر بېرىلىدۇ . "
….....………….................................................
** ساڭا بىرىلىدىغان ئۈزۈلمەس ئەجىر ئىچىدە ( دۇنيادىكىدىن باشقا ) جەننەت بار. جەننەتتە ساڭا قايتۇرۇلغان ساغلاملىق ، ياشلىق ، خوشاللىق بار. ۋە شۇنىڭدەك سەندەك گۈزەللىككە تولغان مۇھىت بار.
….....………….................................................
** مۇكەممەللىك يولىنىڭ قايسىلىقى ئىنىق !!! مەڭگۈلۈك راھەتكە قانداق ئىرىشىش ھەم بايان قىلىنىپ بولدى !!! ئاخىرەتتىكى نىئمەتلىنىش ياكى جازالىنىش ئۈچۈن ھىساپ ئېلىنىدىغانلىقىنىڭ ، بۇنى يەتكۈزگۈچىنىڭ چىنلىقىنىڭ دەلىل پاكىتلىرى ئۇپۇققا لىققىدە تولدى. يەنە شۇنداق تۇرسىمۇ :
….....………….................................................
{ فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعْدُ بِالدِّينِ }
….....…………...............
..................................
" (ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟ "
….....………….................................................
** سەندە ئىشەنمەسلىككە باھانە يوق تۇرۇپ ئەتەي ئىنكار قىلىشىڭ راببىڭنىڭ ، سىنى مۇكەممەل ، گۈزەل ياراتقان ، ھەم سەن بۇنىڭغا قايىل بولغان زاتنىڭ بىكىتكەن بۇ قانۇنىيىتىنى خاتا دەپ قارىغىنىڭدىنمۇ ؟؟؟
….....………….................................................
{ أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَحْكَمِ الْحَاكِمِينَ }
….....…………...............
..................................
" ﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ "
….....………….................................................
قەددىڭنى ، قەدىمىڭنى رۇسلا !!!
….....………….................................................
✨سۈرە تين✨ [玫瑰][玫瑰][玫瑰][玫瑰][玫瑰][玫瑰]