Avatar
571w
gulzar (Hi No. 3546522)
مۆمىن ئۆز رىزقىنىڭ قولدىن كېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرمەيدۇ، چۈنكى رىزىقلار ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدىغان، بەندىسىنى ئۇنتۇمايدىغان ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدە بولىدۇ. ئاللاھ زېمىننى بۆشۈك ۋە كۆرپە (سېلىنچا) قىلىپ ياراتتى. زېمىنغا بەرىكەت بەردى، يېمەكلىكلەر چىقىدىغان قىلدى، ياشاش ئۇسۇللىرىنى بېكىتتى، شۇنداقلا زېمىندىكى بەندىلىرىگە رىزىق بېرىشكە كېپىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ۋەدە-قەسەملەرنى بەردى. «ئاللاھ ھەقىىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، ئاللاھنىڭ كۈچ- قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر.»( زارىيات سۈرىسى 58-ئايەت) « ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار. ئاسمان ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە سىلەرنىڭ سۆزلەۋاتقىنىڭلاردەك( يەنى سۆزلىشىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئېنىق بولغىنىدەك) ھەقتۇر.»( زارىيات سۈرىسى 22-23- ئايەت)
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
1 Comment
♛ZaR______DoF♛ :allah ajrigiz ni barsun inxa alla571w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms