553w
丫 _tOU..
(Hi No. 3573962)
ئۆتكەن ئىش ئۈچۈن يىغلىما، بەلكى ئۇنى ئۇنتۇلماس ساۋاق قىلغىن، شۇنى بىلگىنكى سىنى ئۆلتۈرەلمىگەن ھەرقانداق زەربە سىنىڭ كۈچۈڭنى ئاشۇرىدۇ، ئادەمنى ئادەم قىلىدىغىنى دەل شۇ ھاياتنىڭ تەتۇر يوللىرى، بىر قېتىم يېقىلىش ھاياتنىڭ ئاخىرى ئەمەس، بەلكى قايتا تۇرۇشنىڭ باشلېنىشى ! ھەر قانچە ياخشى نەرسىنىمۇ يۈتتۈرۈپ قۇيىدىغان، ھەر قانچە چۇڭقۇر ئەسلىمەڭنىڭمۇ غۇۋالىشىدىغان، ھەر قانچە يېقىن ئادەمنىڭمۇ سەندىن ۋاز كىچىدىغان ، ئايرىلىدىغان ،ھەر قانچە شىرىن چۈشتىنمۇ ئويغىنىدىغان , ئوقۇلغان كىتاپنىڭ تۈگەپ ئاخىرلىشىدىغان , بارغان زىياپەتىن تاراپ قايتىدىغان بىر ۋاقىت بىر كۈن بۇلىدۇ ھەم كىلىدۇ . شۇڭا ۋاز كىچىدىغان نەرسىگە تارتىشىپ يۈرمە . قەدىرلەشكە تىگىشلىك نەرسىنى قولدىن بەرمە. كىشى ياتتىن ئاغرىنمايدۇ ، ئۆز يېقىنىم دەپ ئويلىغان ئادىمىدىن ئاغرىنىدۇ، ئۆز يېقىنىم دەپ ئويلىغان ئادىمىدىن كۆڭلى ئارقا ئارقىدىن ئاغرىۋەرسە ، ئاقىۋەتتە يىراقلاشماي ئامال يوق .... چۈنكى ئەنە شۇنداق ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭ سېنىڭ ئەڭ ئازاپلىق ھېكايەڭنى ئۆز قولى بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ يېزىپ چقىدۇ. شۇ ئازابلارنى بەرگەن ئىگەڭ شۇنىڭغا لايىق سەۋىرنىمۇ قۇشۇپ بېرىدۇ!!