Avatar
634w
爱克 (Hi No. 3562434)
قايدىممىكىنتتاڭ
مۇھەممەدجان راشىدىن
دۇنيا ماڭا بەردىم دەپتۇ ئالدىممىكىنتاڭ؟
بەرگىنىنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىممىكىنتاڭ.
ئىلكىمدە يوق،ئۆشنەمدە يوق يادىمدا ئاندىن،
كىملەنىڭدۇر يانچۇقىغا سالدىممىكىنتاڭ.
بەخت دىسە يىللار ماڭا ئۆمۈر بەردى راست،
شۇنچە ياشاپ شۇ ئۆمۈرگە قاندىممىكىنتاڭ،
ھايات يولى قالتىس دىگەن يالغان گەپ ئىكەن،
كىم بىلىدۇ يا مەن خاتا ماڭدىممىكىنتاڭ.
ئايرالمىدىم بۇ ھاياتنى ئوڭۇممۇ چۈشۈم،
دەرتمەنلىكتە ئىچىپ قويۇپ قايدىممىكىنتاڭ،
ئەسكىلەرگە ئارلاشتىڭ دەپ ئۇرغانلىرى راست،
ئۇرماس ئىدى مەن ئۇلاردىن تاندىممىكىنتاڭ.
تەغدىرىمدە يەرگە چۈشكەن بىرتال ئۇرۇقمەن،
ئۈنگىنىم راست ئەمما پىلەك يايدىممىكىنتاڭ.
شېئىرلىرىم بۇلۇتلارغا چىققاندەك قىلغان،
ئېتىزلارغا يامغۇر بولۇپ ياغدىممىكىنتاڭ.
شائېرلىقنىڭ ئاسمىنىدا ياكى شام بولۇپ،
قاراڭغۇنى يورۇتقىدەك ياندىممىكىنتاڭ.
ئارزۇ دىگەن باشقا ئىكەن،ئارزۇگۈل باشقا،
ياقتۇرمىسا مەن ئۆزۈمنى تاڭدىممىكىنتاڭ.
ئۆمرۈم بويى چال دېگەنگە چالدىم چاۋاكلار،
ئەمدى چالماس بوپقاپتىمەن ھاردىممىكىنتاڭ.
چاتقاللاردىن ساق چىققىنىم غەنىمەت ماڭا،
جىمىپ قالدىم ئەتىمالىم چاندىممىكىنتاڭ.
ياقتۇرۇپ يوللىغۇچى زوھران.
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
19 Comments
爱克 : White谢谢634w
White :学长帅爆了!634w
爱克 : 法瑞克没事,我喜欢这张……虽然脸黑了点,但还是如此好看,第一次笑的这么自然634w
爱克 : pari谢谢啦634w
pari : 爱克帅~634w
﹎Яàyán *゚♚ : 爱克 ugu xu634w
爱克 : mamatjanنىم بولاپسە634w
爱克 : SPORTرەھمەت ئاداش……634w
爱克 :砸了634w
爱克 : باش كارۋانما ئېدىش نىم دەيدۇ ئەمدى……634w
爱克 : ﹎Яàyán *゚♚بىز ئەزەلدىن شۈەيگۇ……634w
爱克 : pariمەن634w
pari :qima bu634w
﹎Яàyán *゚♚ :同学很帅咕 634w
باش كارۋان :ماۋۇ رەسىمگە مەنمۇ ئىشەنمەي قالدىممىكىنتاڭ634w
باش كارۋان :باللا شاش، كىرىشتۈرمىلىرى ئۇنىڭدىن شاش634w
SPORT : 8" 634w
mamatjan :‏مەن سىلىنى خاتا چۈشىنىپ قالدىممىكىنتاڭ ، ياكى سىلە شۇنداقمىكىنتاڭ بىلمىدىم634w
塞拉 :呦呦,,,,634w
Copyright © 2014-2026 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms