544w
نۇرلۇق قەلىب
(Hi No. 3272915)
رەسۇلۇللاھ يىغلىدى, فاتىمە ئى دادا نىمىگە يىغلايسىز دەپ سوردى: رەسۇلۇللاھ دېدىكى مەن دەۋزەختە بىر تۈركۈم ئاياللارنى كۆردۇمكى : بىرتۈركۈم ئايالللار كۆكسى بىلەن ئېسىپ قۇيلۇپتۇ ,يەنە بىر ئاياللا ئايال چېچىدىن ئسىلىپ قويۇپتۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا ئوت قۇيلىۋاتىدۇ يەنە بىر ئاياللانى كۆردۈم ئۇ تىلى بىلەن ئسىلىپ قۇيۇپتۇ , يەنە بىر ئاياللار ئۆزىنىڭ جەستىنى ئۆزى يەۋاتىدۇ , ئوت ئۇنىڭ ئاستى تەرپىدىن يېقىلىۋاتىدۇ , يەنە بىر ئاياللانى كۆردۈم ئۇ ئايالنىڭ يۈزلىرى قاپقارا ئۈزىنىڭ ئۈچەيلىرىنى ئۈزى تاتىپ يەۋاتىدۇ ,يەنە بىر قىسىم ئاياللا گاس-گاچا قارىغۇ ھالەتتە ئۇلار ئوتتىن بولغان ساندۇقتا ئىدى . ئۇلارنىڭ مىڭىللىرى چېقىلىۋاتىدۇ ,بەدەنلىرى شۇنداق سېسىق پۇراپ كىتىپتۇ , يەنە بىر ئاياللانى كۆردۈم پەرىشتىلەر ئۇنى ئوتتىن بولغان قايچا بىلەن كىسۋاتىدۇ , يەنە بىر ئاياللانى كۆردۈم ئۇنىڭ بېشى توڭڭۇزنىكىدەك ,بەدەنلىرى ئشەكتەك ئۇ ئايالغا مىڭلاپ ئازاپلار بولىۋاتىدۇ . يەنە بىر ئاياللا ئىتقا ئوخشاپ قاپتۇ , يىلان چايانلار ئاغزىدىن كىرىپ كەينىدىن چىقىۋاتىدۇ , پەرىشتىلەر ئوتتىن بولغان توقماق بىلەن ئۇرۋاتىدۇ . فاتىمە : ئى دادا ئۇلار نىمىش قىلغان ئىكەن ؟ دەپ سوردى : رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى : چېچى بىلەن ئېسىلغان ئايال چېچىنى يۇشۇرمايدىكەن چېچىنى ئوچۇق قويۇپ كوچىلاردا يۈرىيدىكەن . ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن ئېسىلغان ئايالغا كەلسەك , ئۇ ئايال ئىرىگە ئازار يەتكۈزىدىكەن , ئاغزى ئىتتىك ئىكەن ئەگەر بىر ئايال ئۈزىنىڭ ئىرىنى تىللىسا دەشنام قىلسا ئاللاھ قىيامەت كۇنى ئۇنىڭ تىلىنى 70 گەز ئۇزۇنلىقتا قىلىۋىتىدۇ . كۆكسى بىلەن ئېسىلغان ئايال بولسا ئىرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارنىڭ باللىرىنى ئىمىتىپ قۇياتتى , يەنە ئىككى پۇتى بىلەن ئىسىلغان ئايال ئىرىنىڭ رۇخسىتىسىز سىرىتقا چىقىپ كىتىۋىرەتتى , ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگىمۇ كىتىۋىرەتتى . ئۈزىنىڭ جەستىنى ئۈزى يەۋاتقان ئايال دائىم باشقا ئەرلەرگە چىرايلىق كۆرنۈش ئۈچۈن ياسىناتتى , كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلاتتى , ئىككى پۇتى قۇلى پىشانىسىگە باغلانغان ئايال دۇنيادا ئۆزرىسىز ناماز ئوقىمايتى , روزىمۇ تۇتمايتى تاھارەتمۇ ئالمايتى جۇنۇپ بولسا شۇنداق يۈرىۋىرەتتى . بېشى توڭگۇزنىكىدەك بەدىنى ئىشەكتەك بولغان ئايال دۇنيادا سۇخەنچىلىك قىلاتتى , ئەر ئايال ئوتتىرسىغا ئاداۋەت سالاتتى ئۇلارنى ئايرىۋىتەتتى , ئىتقا ئوخشاپ قالغان ئايال بولسا ئىرىنى دائىم دەرتكە سالاتتى پىتنىخور ئىدى . مەن شۇ ئاياللارنى قاچان ئازاپتىن قۇتىلار دەپ يىغلاۋاتىمەن . دىدى @@@