4'21"
545w
sudan
(Hi No. 3552883)
ئابدۇقادىر جەلالىدىن بۈگۈنكى دۇنيا ھەربىر بوسۇغىدا(سەن كىم؟)دەپ سورىماقتا. مەيلى سەن كادىر ياكى تېخنىك بول،دوختۇر ياكى ئىنژىنىر بول،تەنھەركەتچى ياكى ھەربىي بول،نەشىرىياتچى ياكى ئوقۇتقۇچى بول،سەنئەتچى ياكى ھۈنەرۋەن بول- ئورخۇن تاش ئابىدىلىرىنى بىلمىسەڭ،«ئوغۇزنامە»ياكى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئوقۇمىساڭ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلشىر نەۋائىينى چۈشەنمىسەڭ،نۇزۇگۇمدىكى ھايا ۋە ئىپپەتكە قايىل بولمىساڭ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،زوردۇن سابىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىساڭ،يۇرتۇڭدىكى تاغ-دەريالار ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىمىساڭ،سادىرنىڭ ناخشىلىرىغا ئەگىشىپ توۋلىمىساڭ،تارىم ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىغا بارمىساڭ،ھېيتگاھنى كۆرمىگەن بولساڭ، تاپىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدا كۆيمىسە،12مۇقامنى ئاڭلاپ مۇڭلانمىساڭ،مىڭ ئۆيلەرنى كۆرۈپ ئويلانمىساڭ خەلق ناخشىلىرىدىن باغرىڭ ئېرىمىسە،مەشرەپكە قاتنىشىپ ئىچىڭ پۇشسا،دوغقا نان تەگكۈزۈپ يەپ باقمىساڭ،ئاتا-ئاناڭ ۋە بالىلىرىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى قەرزدار ھېس قىلمىساڭ،ئىشقىلىپ خەلقنىڭ ھاياتىدىكى تۈرلۈك تۇيغۇ-تەجىربىلەرنى بېشىڭدىن كەچۈرمىسەڭ- ئۆزۈڭنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن گۇمان قىلساڭ بولىدۇ....
6 Comments
nurbiye :544w