3'44"
545w
sudan
(Hi No. 3552883)
باشىم ئىلىپ يۇرسەممۇ ساياق ،شۇكرى دىدىم مىڭ شۇكرى دىدىم .
تەلۋىلەردىن يىسەممۇ تاياق ،
شۇكرى دىدىم مىڭ شۇكرى دىدىم .
باشقىلاردىن يىسەممۇ تاياق ،
شۇكرى دىدىم مىڭ شۇكرى دىدىم ...
باشىم كۇلا ، ئۇچام جەندە ،
غەم دەستىدىن مەن جۇنۇن بەندە ،
تىكەنلەرگە دەسسەپ يالاڭ ئاياق ،
شۇكرى دىدىم مىڭ شۇكرى دىدىم .
سۇ بۇيىدا سۇغا مەن تەشنا ،
لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا .
قالغاندىمۇ يۇرەك چاڭقىراپ - قاغجىراپ ،
شۇكرى دىدىم مىڭ شۇكرى دىدىم .
گاھى كۇندۇز گاھى كېچىدە ،
يار يايرىسا نۇرنىڭ ئىچىدە .
كۇلبەمبىگە مەن يېقىپ جىن چىراق ،
شۇكرى دىدىم مىڭ شۇكرى دىدىم .
سايدا ياتسام تاشلار پاتتى ،
نائەھلىلەر يەنە تاش ئاتتى .
يېرىلسىمۇ نازۇك قاش - قاپاق ،
شۇكرى دىدىم مىڭ شۇكرى دىدىم .
بوۋىلاردىن شۇكرى قاپتىكەن ،
ئاتىلارمۇ ئۇدۇن ئاپتىكەن .
شۇكرىلەردىن ئالمىدىم ساۋاق ۋاي ساۋاق ،
شۇكرى دىدىم مىڭ شۇكرى دىدىم ...
شۇكرى ئاللاھىم بەرگەن كۇنلىرىڭىزگە مىڭ مەرتەۋ شۇكرى ! #
8 Comments
**^^P**^^ :
4"
545w