10'10"
552w
sudan
(Hi No. 3552883)
بىر ئۆينىڭ ئەينىكى چېقىلىپ كېتىپ، ئۇنى سالىدىغان ئادەم چىقمىسا، ئۇزۇن ئۆتمەي باشقا ئەينەكلەرمۇ ئەجەبلىنەرلىك ھالدا باشقىلار تەرىپىدىن چېقىۋېتىلىدۇ؛ تامغا يېزىلغان قالايمىقان خەتلەر ۋاقتىدا تازىۋېتىلمىسە، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تام قالايمىقان، كۆرگۈسىز يازمىلارغا تولۇپ كېتىدۇ؛ بىر پاكىز يەرگە كىشىلەر ئەخلەت تاشلاشتىن خىجىل بولىدۇ، ئەگەر شۇ جايدا ئازراق ئەخلەت كۆرۈلۈپ قالسلا، كىشىلەر ئىككىلەنمەستىن ئەخلەت تاشلايدۇ، ھەرگىز خىجىل بولمايدۇ. مىللەتمۇ شۇنداق بولىدۇ. مىللەتتىكى ئازراق ئەيىپنى تۈزەتمىسە،ئاخىرىدا ئۇ بىر ئادەتكە ئايلىنىدۇ، ئاستا ئاستا تامغىدەك ئويۇلۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ چېقىق ئەينەك نەزىرىيىسىدۇر....