544w
معتصم بالله
(Hi No. 2858588)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم..مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىرىم..!
چ چ، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرى تاقىلىپ قالسا، مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭقۇر قېرىنداشلىقى ھەرگىز تاقالمايدۇ، ئىسلام دىنى- تەشۋىقاتى توختاپ قالمايدۇ، ئۈندىدارغا ئىسراپ قىلىغان ئايرىم ۋاقىتلىرىمىزنى تولۇقلايدىغان پۇرسەت كەلدى، ئەقىللىق قېرىنداشلار قانداق قىلىشنى ئوبدان بىلىدۇ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، ئۈندىدار بولمىغاندىمۇ مۇسۇلمان ياشاپ كەلگەن ئائىلىمىزدە دىن ئۆگىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرايلى! تەبلىغ ئەھكام، قۇرئان تىلاۋەت بىزنىڭ ئەڭ راھەتلىنىدىغان ئىشىمىز! بىز ئەمدى ئەشۇ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ قۇرئان ئۆگۈنۈش، دىن ئۆگۈنۈشنى يۇقرى كۆتۈرەيلى..!.
ئاللاھ بىزگە قاراپ تۇرىدۇ! ، بۇنداق ئۆتكۈنچە خېرىسلار بىزنى تېخىمۇ تاۋلايدۇ ۋە ئەقلىمىزنى ئاشۇرۇشقا تۈرۈتكە بولىدۇ. ھەرقانداق تەسلىكتىن كىيىن بىر ياخشىلىق بولىدۇ. سىنالماي ، غەلبە قولغا كەلمەيدۇ. دەۋەت توختاپ قالمايدۇ، بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆزى ئېچىلىپ كەتكەن كۈندە، ئۇلارنى دىندىن يىراقلاشتۇرىمىز، دىننى ئاڭلاش ۋە تارقىتىشتىن مەھرۇم قالدۇرىمىز دېگەنلىك قوياشنىڭ نۇرىنى ئىتەك بىلەن تۇسىۋالىمىز دېگەنلىك. « شۇبھىسىزكى، كافىرلار مال- مۈلۈكلىرىنى ،باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرىپ قىلىدۇ، سەرىپ قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال- مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسىرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ، كافىرلار جەھەننەمگە ھەيدىلىدۇ»ئەنفال سۈرىسى، 36- ئايەت. بىز ئازىراق تىرىشساق، تېخنىكا ئىگەللەشكە كۈچ چىقارساق بۈگۈنكى كۈندە ھىچبىر كۈچ بىزنى دەۋەتتىن مەھرۇم قىلالامايدۇ. ئاخىرسىدا سىلەرگە تەۋسىيەرىم، سەۋەپ ۋەدۇئادىن ئىبارەت قورالىمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيلى..!
ھۆرمەت بىلەن : كۈسەنى ، تىز سۈرئەت بىلەن تارقىتىپ قويۇڭ.