566w
معتصم بالله
(Hi No. 2858588)
648. سوئال: ئەخلاق دېگەن نېمە؟: جاۋاب: ئەخلاق ئىنساننىڭ روھىدا يەرلىشىپ ئادەت ھالىغا كەلگەن قىلىقلار بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىش - ھەرىكىتى، گەپ - سۆزى، ئىدىيىسى، مىجەز - خۇلقى، مۇئامىلە، مۇناسىۋىتى، ئۆرپ - ئادىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قېلىپقا سالىدىغان مىزان. ئەخلاق كۈندىلىك تۇرمۇشتا چېتىلىدىغان دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئومۇمىيلىقى، رولى، تەسىرى ۋە تەربىيە جەھەتتىن مەنىۋى كۈچلەرنىڭ سەرخىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەخلاق گۈزەل ئەخلاق(ياكى ياخشى ئەخلاق) ۋە يامان ئەخلاق(ياكى ناچار ئەخلاق)دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئاخىرى ئىچىدە زىيارەت قىلىڭ. Kakkuk Apps
9 Comments


657. سوئال: ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىي ئەھۋالى قانداق بولماقتا؟: جاۋاب: ئىنسان تەنتەربىيە ئارقىلىق جىسمانىي ساغلاملىققا ئېرىشسە، ئىبادەت ئارقىلىق روھىي گۈزەللىككە ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا ئېرىشىدۇ. بەزى كىشىلەر مەسجىدتە ناھايىتى ئەخلاقلىق، ئەمما مەسجىدنىڭ سىرتىدا، جەمئىيەتتە، ئائىلىسىدە، ئىش ئورنىدا، ئۇ باشقا ئىنسان... ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق چوڭ ئايرىلىش نەتىجىسىدە، ئىسلام دۇنياسىدا، مۇنداق ئىككى خىل ئىنسانلار مەۋجۇد: بىرى، ئ
...
ەخلاقى ناچار، ئەمما ئىبادەتلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇندايدىغانلار، يەنە بىرى، ئەخلاقى ياخشى، ئەمما ئىبادەتلەرنى ياخشى ئورۇندىمايدىغانلار ياكى ھېچ ئورۇندىمايدىغانلار. جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار مۇئامىلە ئىشلىرىدا ناھايىتى راستچىل، دۇرۇس ۋە ئىشەنچلىك، ئەمما ناماز ئوقۇمايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئىبادەتلەرگە ناھايىتى ھېرىسمەن بولسىمۇ، ئەخلاقى ناچار بولغانلىقتىن بىرىنى ئالدايدۇ، يەنە بىرىگە ئازار قىلىدۇ. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ھېچقايسىسى ئىسلامدىن ئەمەس![ ئۇستاز ئەمر خالىدنىڭ«مۆمىننىڭ ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدىن.] سۇ بىلەن ئوت بىرلىشەلمىگەندەك، تەلەبكە لايىق ئورۇندالغان ئىبادەت بىلەن يامان ئەخلاق بىرلىشەلمەيدۇ. Kakkuk Apps
See More
566w
656. سوئال: ئىبادەتلەرنىڭ ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى نېمە؟: جاۋاب: دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەر ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىدىكى قىڭغىرلىقلارنى تۈزىتىش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن: ئىبادەتلەرنىڭ بېشى بولغان ناماز ھەققىدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: إِنَّ الصَّلاَةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاء وَالْمُنكَرِ يەنى «ھەقىقەتەن ناماز قەبىھ ئىشلاردىن، گۇناھلاردىن توسىدۇ»[ ئەنكەبۇت سۈرىسى 45- ئايەت.] دەيدۇ. مەلۇمكى، قەبىھ ئىشلار بىلەن گۇناھلار نا
...
چار ئەخلاقنىڭ نەتىجىسىدۇر. تەلەبكە لايىق ھالدا، سەمىمىي نىيەت بىلەن ئادا قىلىنغان ناماز يامان ئەخلاقلاردىن چوقۇم توسىدۇ ۋە ياخشى ئەخلاقلارغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىدا مۇنداق دېگەن: «مەن نامازنى پەقەت مېنىڭ ئۇلۇغلىقىم ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان، بەندىلىرىمگە يامانلىق قىلمىغان، گۇناھ - مەسىيەتكە داۋام قىلمىغان، كۈندۈزلىرى مېنى ياد ئەتكەن، پېقىرلارغا، مۇساپىرلارغا، تۇللارغا ۋە خاپىلىق تارتىپ قالغانلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان كىشىدىنلا قوبۇل قىلىمەن»[ زۇبەيدى رىۋايىتى.]. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىزنىڭ نامىزىڭىز سىزنى ئىنسانلارغا رەھىم - شەپقەتلىك قىلالمىسا، سىز ناماز ئوقۇپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلمىگەن بولىسىز. زاكاتنىڭ غايىسى ۋە مېۋىسىدىن مەقسەت گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشتۇر. چۈنكى ئۆزىنى زاكات ۋە سەدىقىلەرنى بېرىشكە ئادەتلەندۈرگەن ئادەم يوقسۇللارغا ئىچ ئاغرىتىش ۋە شەپقەت قىلىشنى، شۇنداقلا سېخىيلىقنى ئۆگىنىدۇ. زاكاتنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ غايىسى ھەققىدە قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِم بِهَا يەنى «ئۇلارنى گۇناھلاردىن پاكلاش ۋە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىرقىسىمىنى زاكات ھېسابىدا ئالغىن»[ تەۋبە سۈرىسى 103- ئايەت.]. ئايەتتىكى ياخشىلىقلىرىنى دېگەن ئىبارە، زاكاتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى بارلىق ياخشىلىقلارنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. سېخىيلىق ۋە مەردلىكتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقمۇ زاكات كۆپەيتىپ بېرىدىغان ياخشىلىقلاردىن بىرىدۇر. گۈزەل ئەخلاقتا چوقۇم ئىبادەتنىڭ ساۋابى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىراۋغا ئوچۇق چىراي ئېچىشىڭدا سەدىقىنىڭ ساۋابى بار»[ تىرمىزى رىۋايىتى.] دېگەنلىكى بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. روزىنىڭ بۇيرۇلىشىنىڭ غايىسى ھەققىدە قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ يەنى «ئى مۆمىنلەر! گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى»[ بەقەرە سۈرىسى 183- ئايەت.]. ئايەتتىكى گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن دېگەن ئىبارە، روزىنىڭ ئىنساننى گۇناھتىن يىراق تۇرىدىغان ۋە ياخشىلىقنى سۆيىدىغان گۈزەل ئەخلاققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەجنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ غايىسى ھەققىدە قۇرئان كەرىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَّعْلُومَاتٌ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلاَ رَفَثَ وَلاَ فُسُوقَ وَلاَ جِدَالَ فِي الْحَجِّ وَمَا تَفْعَلُواْ مِنْ خَيْرٍ يَعْلَمْهُ اللّهُ وَتَزَوَّدُواْ فَإِنَّ خَيْرَ الزَّادِ التَّقْوَى وَاتَّقُونِ يَا أُوْلِي الأَلْبَابِ يەنى «ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر. بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋادارلىقتۇر»[ بەقەرە سۈرىسى 197- ئايەت.] ئايەتتىكى: گۇناھ قىلىش ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ دېگەن ئىبارە بىلەن ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋالىقتۇر دېگەن ئىبارە ھەج ئىبادىتىنىڭ كىشىلەرنى گۇناھلاردىن، كىشىلەرگە ئازار بېرىشتىن يىراق بولغان تەقۋالىق دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىدىغان گۈزەل ئەخلاققا يېتەكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرىقى ۋە باشقا پۈتۈن ئىبادەتلەر مۇسۇلمانلار يەتمەكچى بولغان مۇكەممەللىكنىڭ شوتىسى ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا ئادەتلىنىشنىڭ يولىدۇر. ئورۇندىغۇچىسىغا بۇ دۇنيادا پايدىسى بولمىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا پايدا يەتكۈزەلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. Kakkuk Apps
See More
566w


653. سوئال: ئۇنداقتا بۇ ئايەت بىلەن ھەدىس ئوتتۇرىسىدا نېمە مۇناسىۋەت بار؟: جاۋاب: قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ.... بىر لەھزە مەن بىلەن بىرگە تەپەككۇر قىلىڭ.. ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، خىيانەتچىلىك، بىر - بىرىگە ئىشەنچسىزلىك، شەپقەتسىزلىك قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر دەۋر سۈرگەن بىر جەمئىيەتتە رەھمەتنى تاپقىلى بولامدۇ؟ بىر - بىرىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان، بىر - بىرىگە خىيانەت قىلىدىغان، بىر - بىرىنى ئالدايدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان بىر ئائىلىدە رەھمەتنىڭ ئىزناسىنى
...
كۆرگىلى بولامدۇ؟ شۇڭا كەسكىن ئېيتالايمىزكى، «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» دېگەن ھەدىس بىلەن بىز سېنى ئالەملەرگە پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق دېگەن ئايەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنى روياپقا چىقىرىدىغان ھالقىلىق مۇناسىۋەتتۇر. چۈنكى ئەخلاق بولماستىن رەھمەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ. Kakkuk Apps
See More
566w


649. سوئال: گۈزەل ئەخلاق دېگەن قايسى؟: جاۋاب: گۈزەل ئەخلاق – ئۆزىمىزگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان، دىنىمىزنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلگەن ۋە دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئەخلاقلاردۇر. بۇ ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقمۇ دېيىلىدۇ. ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىگە كىرىدىغان ياخشى ئىشلار ۋە ئادەتلەر ئىنتايىن كۆپ، ئۇلار: ھەر ئىشتا توغرا، ئادالەتلىك، راستچىل بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە ئىشەنچلىك، سۆيگۈ ۋاپالىق، ئىما
...
ن ئېتىقادلىق بولۇش، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېھرىبان، ئاتا – ئانىغا ۋاپادار، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا كۆيۈمچان، قوشنىلارغا ئەپۇچان، ھايۋانلارغا رەھىمدىل بولۇش، مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنداش، خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىش، ئەدەبى جاسارەتلىك، سېخى، مەرد، پاكىز، مەدەنىيەتلىك، كۆكسى كەڭ بولۇش، ھەر ئىشتا ھەقىقەتنى كۆزلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە يۆلىنىش، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇش، نومۇسىنى ساقلاشنى بىلىش، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش ۋە باشقىلار. Kakkuk Apps
See More
566w