545w
رشيدا
(Hi No. 2106928)
ئەقىل بىلەن تەلەي بىر ماشىنغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشىپتۇ. يېرىم يولدا بىنزىن تۈگەپ كىتىپتۇ. ئۇلار قاراڭغۇ چۈشكىچە بىرەر قونالغۇغا يىتىپ بېرىۋېلىش ئومۈدىدە پىيادە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىشىپتۇ، لىكىن بۇ ئومۈدي يوققا چىقىپ يولدا قونۇشقا مەجبۇر بولۇپتۇ . ئەقىل تەلەيگە دەپتۇ: تاڭ ئاتقۇچە بىر ئۇخلىۋېلىپ ئاندىن ماڭايلى. شۇنىڭ بىلەن ئەقىل بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئاستىدا ئۇخلاشنى قارار قىپتۇ تەلەي بولسا يولنىڭ ئوتۇرىسىدا ئۇخلاشنى تاللاپتۇ. ئەقىل تەلەيگە : ساراڭمۇسەن؟ ئۆزۈڭنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسەن ماشىنا كېلىپ قېلىپ بېسىپ ئۆتۈپ كېتىپ قېلىشى مۈمكىن. تەلەي دەپتۇ : مەن چۇقۇم يولنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇخلايمەن، بىرەر ماشىنا كېلىپ قالسا مېنى كۆرۈپ بىزنى قۇتقۇزىۋالىدۇ ! شۇنداق قىلىپ ئەقىل دەرەخ ئاستىدا تەلەي بولسا يولنىڭ ئوتتۇرىدا ئۇخلاپتۇ. بىرەر سائەتلەردىن كېيىن چوڭ بىر ماشىنا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كېلىپ يولنىڭ ئوتتۇرىدا بىر ئادەمنى كۆرۈپ توختىماققچى بولۇپ توختىيالماي ھېلىقى دەرەخ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئەقىلنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ تەلەي بولسا ئامان قاپتۇ . مانا بۇ رېئاللىق، تەلەي ئەقىلگە مۇخالىپ بولسىمۇ ئىنسانلار ئالدىدا ئۆز رولىنى ئويناۋېرىدۇ . چۈنكى ئۇنى ئاللاھ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. شۇڭلاشقا : - بەلكىم سىزنىڭ بىرەر سەپەردىن قېلىپ قېلىشىڭىزدا ياخشىلىق بولىشى مۈمكىن. - بەلكىم بىرەرسى بىلەن توي قىلالماسلىقىڭىز سىز ئۈچۈن بىر بەرىكەت بولۇشى مۈمكىن. _ بەلكىم خىزمەتكە ئېلىنماسلىقىڭىز سىزگە پايدىلىق بولۇشى مۈمكىن. - بەلكىم پەرزەنىت كۆرەلمەسلىكىڭىز سىزگە خەيرىلىك بولۇشى مۈمكىن. « بەلكىم بىر نەرسىنى يامان كۆرۈشۈڭلار مۈمكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ سىلەرگە ياخشىدۇر» ... چۈنكى ئۇ بىلىدۇ سىز بىلمەيسىز... .. شۇنىڭ ئۈچۈن بېشىڭىزغا كەلگەن ھېچ ئىشقا ئىچىڭىزنى سىقماڭ . چۈنكى ئۇ ئىش ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ياخشى ئىشتۇر . كۆپ قاقشىماڭ غەم كېلىدۇ ، لېكىن ئاللاھقا كۆپ شۈكرى دەڭ بەخىت كىلىدۇ. ئەلھەمدۇ لىللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ ، يەنە ئەلھەمدۇ لىللاھ . ئاداققىچە ئەلھەمدۇ لىللاھ. بىز تىنىچلاندۇرغۇچ دورا يىمەيمۇ ئۇخلىيالىغان ئىكەنمىز بەدىنىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىببى ئۈسكۇنە ئاۋازىدىن ئويغانمىغان ئىكەنمىز يەنە ياخشى! ئەلھەمدۇ لىللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ ، يەنە ئەلھەمدۇ لىللاھ . ئاداققىچە ئەلھەمدۇ لىللاھ. - ئارقىغا قارىماڭ، ئارقىدا سىزنى بىئارام قىلىدىغان ئۆتمۈش بار. _ ئالدىڭىزغا قارىماڭ، ئالدىڭىزدا سىزنى ئەنسىزلىككە سالىدىغان كېلەچەك بار. _ لېكىن ئۈستىگە قاراڭ ئۇ يەردە سىزنى بەخىتلىك قىلىدىغان رەببىڭىز بار.....