553w
Abdulla
(Hi No. 3548257)
شاگىرت ئۇستازدىن سوراپتۇ : ئنساننىڭ غەلىتە تەرەپلىرى توغرىسىدا تەلىم بەرگەن بولسىلا » ئۇستاز دەپتۇ: « ئۇلار چوڭ بولۇشقا ئالدىرايدۇ-يۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن يوقاتقان بالىلىقىنى ئەسلەپ قايغۇرىدۇ؛ ئۇلار سالامەتلىكى بىلەن كارى بولماي، تىرىشىپ-تىرمىشىپ پۇل تاپىدۇ-يۇ، كېيىن يەنە سالامەتلىكنى پۇلغا سېتىۋالماقچى بولىدۇ؛ ئۇلار كەلگۈسى ئۈچۈن تىت-تىت بولىدۇ-يۇ، ھازىرقى بەختنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ. ئۇلار ئۆلمەيدىغاندەك ياشايدۇ-يۇ، ئۆلۈش ئالدىدا ياشاپ باقمىغاندەك ھېس قىلىدۇ.