553w
Abdulla
(Hi No. 3548257)
يېنىمدا پەقەت 10 سوم بار ، قورسقىم ئاچ ئاشخانا ئىزدىدىم . ناماز ۋاقتى بوپ قاپتۇ . نەپسىمنىڭ قۇلى بولماي نامازنى تاماملىدىم . قورساققا نىمە يىيىش كېرەك . ئاشخانىغا كىردىم . ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن لەغمەن يەي . تاماقمۇ چىقتى شۈكرى ئاللاھ بەرگەن نىھمەتلىرىڭگە . تاماققا تەمشەلدىم . يېنىمدا بىر قارا كۆزنىڭ بىر ماڭا بىر ئالدىمدىكى تاماققا قاراپ تۇرغانلىقنى ھېس قىلدىم . ئۇ ئالدىراپ چىقىپ كەتتى . قەلىپلىرىم تىتىردى . نىمانچە ئوماق ئەمدىلەتىن 8 ياشلاردىكى بىر سەبى گۆدەك بالا ئىدى . ئارقسىدىن چىقتىم ، نەپسىمنىڭ قۇلى بولمىدىم شۈكرى ئاللاھ . . تىلەمچى ئەمەس . مېنىڭچە يېتىم بالا ياق . ئۇ يىتىم ئەمەس ئۇ ئاللاھنىڭ سەبى پاك بەندىسى . تاماقنى ئېلىپ ماڭدىم . تاماقنى ئېلىپ ماڭسىڭىز بولىدۇ بىراق قاچا قېپ قالسۇن دىدى . بۇ كىم بولغىيدى ئاشخانا خوجاينى . تاماققا قارىدىم قورسىقىم ھەقىقەتەن ئاچقان ئىدى . نەپسىمنىڭ قۇلى بولمىدىم . پەرىشتىلەر دىدى .« ئېھ مۆئمىن ، باش كىيمىڭنى ئال » دوپپامنى ئالدىم دوپپامغا خالتا كەيگۈزدىم دە تاماقنى ئېلىپ يۈگۈردىم . سەبى گۆدەك بالا ئاپتوبۇس بېكىتىدە . ئاپتوبۇسقا چىقتقى . ئاللاھقا شۈكرى ، يېنىغا باردىم قورسىقىڭ ئاچتىمۇ ئوغلۇم . ھە ! ! ئاتا ـ ئاناڭچۇ . يوق . يىغلىما ئوغلۇم . يېشىنى سۈرتتۈم ، ئىسمىڭ نىمە . . مۇجاھىيىت . ئىنشائاللاھ شەرەپلىك ئىسىمكەن . يېگىنە ئوغلۇم . . ئۇ ئىشتىھا بىلەن يىدى .قورسىقىم ئاچتى بىر چوكا يېيىشكە نەپسىم تاقىلدىدى . نەپسىمنىڭ قۇلى بولمىدىم . سىزچۇ تاغا تاماق يىدىڭىزمۇ بىللە يەيلى . يىدىم يە ئوغلۇم ئاللاھ مىنى ئاچ قويمايدۇ . يېگىن . قوللۇرۇم ئىختىيارسىز ئۇنىڭ باشلىرنى سىلاۋاتاتتى . . نەپسىمنىڭ قۇلى بولمىدىم . ئاللاھ مىنى ئاچ قويمايدۇ . يانچۇقۇم قۇپ ـ قۇرۇق قورسىقىم ئاچ . ئىنشائاللاھ ئەمما مەن بەك خوش .
نەپسىمنىڭ قۇلى بولمىدىم .