Avatar
578w
نۇرلۇق قەلىب (Hi No. 3272915)
بۇ ھىجرىت زىمىنىدىكى يەنە كىلىپ تۈرمىدە تۇرۋاتقان بىر قېرندىشىمىز نىڭ ئانا تۇ غرىسىدىكى يۇرەك سۇزلىرى

رازى بول ئانا


چىقتىم ئۆيدىن ھىجرەتكە مانا
شۇ پەرىزنى قىلاي دەپ ئادا
قىلالمىدىم قەرزىمنى ئادا
شۇ ئوغلۇڭدىن رازى بول ئانا



ئاق سۈت بىرىپ باققانلىرىڭغا
مىنىڭ ئۈچۈن تارتقانلىرىڭغا
نادانلىقتىن قىلغانلىرىمغا
رازى بولغىن جانىجان ئانا



يىمەي ئىچمەي ماڭا يىگۈزۈپ
ئۈزۈڭ كەيمەي ماڭا كەيگۈزۈپ
تۇنۇتقانتىڭ ئاللاھ دىگۈزۈپ
سالامات بول مىھرىبان ئانا



قۇربان قىلىپ ئاللاھ يۇلىدا
ئۇزاتقانتىڭ قىيالماي ئانا
ئىكەن جەننەت ئاياق ئاستىڭدا
ئاق يول تىلەپ رازى بول ئانا



بەرگەنلىرىڭ بەك كۆپتۇر ماڭا
جېنىڭدىن ھەم ئەزىزتىم ساڭا
تىرىك تۇرۇپ ئايرىلدۇق مانا
سەبىر قىلغىن جىنان بار ساڭا




كۆزلۈرۈم ياش ئايرىلدىم سەندىن
غەمگۈزارىم مىھرىبانىمدىن
پەرز بولغاچ ھىجرەت مۇئىمىنگە
ئۆزرىمىز يوق رازى بول مەندىن



ھىجرەت يۇلى مۇشەققەت ئىكەن
ھەر بىر مۇئىمىن سىنىلار ئىكەن
سەبىر قىلسا بەندە ئۇنىڭغا
رەببى ئاندىن رازى بۇلاركەن



بىلىپ يەتتىم ئايرىلىپ سەندىن
ئۈتەلدىغۇ قەدرىڭىز مەندىن
قىلمىغاچقا ياندا قەدرىڭنى
ئچىم ئاچچىق شۇنداق ئۈرتەندىم



ئىنسان شۇنداق ئەقىلسىز ئىكەن
ياندا بارى قەدىرسىز ئىكەن
ئايرىلغاندا ياندا بارىدىن
شۇ نەرسىگە ئىنتىزار ئىكەن



جېنىم ئانا رازى بول مەندىن
سىنى قانچە يىغلاتقىنىمدىن
ان شاء الله رازى قىلارمەن
ئاخىرەتتە قىيامەت ئاندىن


بۇ شىئرنىڭ راديو دولقۇنلىرىدا ياڭرىشىنى ئارزۇ قىلىمىز كۆپرەك تارقىتىشىڭلانى تىلەيمىز ئاللاھ رازى بولسۇن
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
2 Comments
xiddat : 8" 578w
xiddat : 3" 578w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms