Avatar
618w
habiba (Hi No. 3545393)
پەيغەمبەرنىڭ تىبابىتى تۆت نەرسە بەدەننى ئاجىزلىتىدۇ: غەم، ئەندىشە، ئاچلىق، ئاخشىمى بالدۇر ئۇخلىماسلىق. تۆت نەرسە نەرسە خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ: يىشىللىققا قاراش، ئاققان سۇغا قاراش، مەھبۇبىغا قاراش، مېۋە-چىۋىگە قاراش. تۆت نەرسە كۆزنى قاراڭغۇلاشتۇرىدۇ: يالاڭ ئاياق مېڭىش، كۈندۈزى كەچ بولغۇچە دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك چىراي بىلەن يۈرۈش، كۆپ يىغلاش، كىچىك خەتلەرگە ئۇزاق قاراش. تۆت نەرسە بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ: يۇمشاق كىيىم، نورمال مۇنچىغا كىرىش، تاتلىق ۋە مايلىق تائام يېيىش، خۇشپۇراقنى پۇراش. تۆت نەرسە يۈزنى قۇرۇتۇپ، چىراينىڭ نۇرىنى كەتكۈزىدۇ: يالغانچىلىق، ئۇياتسىزلىق، بىلمەي تۇرۇپ كۆپ سوراش، گۇناھنى كۆپ قىلىش. تۆت نەرسە چىرايغا قان يۈگۈرتۈپ، نۇر ياغدۇرىدۇ: ئالىجاناپلىق، ۋاپا، سېخىيلىق، تەقۋالىق. تۆت نەرسە باشقىلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ: تەكەببۇرلۇق، ھەسەت، يالغانچىلىق، چېقىمچىلىق. تۆت نەرسە رىزىقنى زىيادە قىلىدۇ: كېچە قوپۇش، سەھەرلەردە ئىستىغفارنى كۆپ ئوقۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئەتىگەن- كەچتە ئاللاھنى زىكرى قىلىش. تۆت نەرسە رىزىقنى توسايدۇ: سەھەرنىڭ ئۇيقۇسى، نامازنىڭ ئازلىقى، ھورۇنلۇق، خىيانەت. مەنبە: ‹‹ پەيغەمبەرنىڭ تىبابىتى ›› ناملىق كىتابتىن ئېلىندى !!
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
1 Comment
★ à l v ì d â ★ :WAH615w
Copyright © 2014-2026 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms