552w
صبر
(Hi No. 1352464)
شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ دىنىي چارىسى
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن: وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۚ إِنَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. چۈنكى ئاللاھ راستىنلا مۇناجاتىڭنى ئاڭلىغۇچى ۋە ئەھۋالىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى ۋە توسقانلىرىنى ئەسكە ئالىدۇ دە، ھامان ھەقىقەتكە قايتىدۇ[ ئەئراف سۈرىسى200-201- ئايەتلەر.].