552w
uyghurtekin
(Hi No. 3548196)
ئەما ئەر ۋە سەت ئايال بىر ئەر ئىنتايىن گۈزەل بىر ئايال بىلەن توي قىلدى ۋە ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كىشىنىڭ مەسلىكى كەلگۈدەك دەرىجىدە كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتاتتى.ئايالمۇ ئۆزىنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلاتتى. ئېرى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرىتقا چىقىپ قالدى، بۇ كۈنلەردە ئۇلار ت ۇرىۋاتقان يۇرتتا ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق يېرىڭ ئىششىقلىق تېرە كېسەللىكى تارقالغان بولۇپ بۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ چىرايى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بۇزۇلۇپ كېتەتتى. بىركۈنى ئايال ئويغۇنۇپ ئەينەككە قاراپ چۆچۈپ كەتتى، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۇرتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ كىسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن قايغۇردى.بۇنى ئېرىدىن يۇشۇردى . كۈنلەر ئۆتىۋاتاتتى ئېرىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ يېقىنلاپ قالغان ئىدى،ئېرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىچە ئۇنىڭ يۈرىكى قۇرت يەۋاتقاندەك بىئارام بولاتتى،ئەينەككە قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتتى. شۇنداق كۆنلەرنىڭ بىرىدە بالا كەلسە قوش كەپتۇ دېگەندەك ئۇبىر تىلفۇن تاپشۇرۇپ ئىلىپ ئېرىنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان يېرىدە ھادىسىگە ئۇچراپ ئىككى كۆزىدىن ئايرىلغانلىق خەۋىرىنى ئۇقتى، تىلفۇن تۇرۇپكىسى قولىدىن چۈشۈپ كەتتى.ئۇلار يەنە بۇرۇنقىدەك ياشاۋەردى،ئەر ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن قورقۇنۇچلۇق چىرايىنى كۆرمىدى،ئۇ قەيەرگە بارمىسۇن ئايالى ئۇنى يېتىلەپ ماڭاتتى، كىشلەر ئۇلارغا ھەيرانلىق ئېچ ئاغىرتىش ھېسسىياتلىرى بىلەن قارىشاتتى،ئايال ئېرىگە قارىغىنىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلى بۇزۇلاتتى بىراق ئۇنى بۇرۇنقىدەك سۆيەتتى، ئېرىمۇ ئۇنى بۇرۇنقىدەك ھۆرمەتلەپ سۆيۈپ ئۆتتى. ئۇلار قىرىق يىل تاكى ئايال ۋاپات بوپ كەتكەنگە قەدەر ئىجىل-ئىناق ياشىدى.ئەر ئايالنىڭ ۋاپاتىغا ئىنتايىن قايغۇردى، ئۇنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھارغىن پۇتلىرىنى ئاستا سۆرىگىنىچە ئۆزى يالغۇز ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى، دوستلىرى ئۇنىڭغا ئېچ ئاغرىتىپ قەيەرگە ماڭدىڭ؟-دەپ سورىدى، ئۇ ئۆيگە -دەپ جاۋاپ بەردى ئېرەڭسىز. بىز ئاپىرىپ قويايلى سەن كۆرەلمەيدىغان تۇرساڭ.. مەن كۆرەلەيمەن دېدى-ئەر، ئايالىمنىڭ كىسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى باشقىلاردىن ئاللىبۇرۇن ئۇقۇپ بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن يالغاندىن ئەما بولىۋالدىم، ئايالىم ئىنتايىن ياخشى ئايال ئىدى ئۇمېنى كور ھالىتىمدىمۇ قۇبۇل قىلىپ ياخشى كۆرۈپ ئۆتتى . ئۇنىڭ دوستلىرى ئېغىزلىرىنى ئاچقىنىچە قېتىپ قىلىشقان ئىدى. #Trave