Avatar
596w
قاشقۇن (Hi No. 3479865)
باشقا ‏يۇرتتا، مۇساپىرلىق دەردىنى تارتىپ يۈرۈپ،
‏سېغىنغاچقا كۆزلىرىنى ئۆز يۇرتىغا قارتىپ يۈرۈپ .
‏ئازاپ ئىچىدە قەلبى ھەم ئۆرتەپ يۈرۈپ ،
‏ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان مۇساپىرغا سالام بولسۇن
‏
ھەسەل كۆرسە زەھەر بىلىنەر ئۆزگە يۇرتتا ،
‏ئالتۇن تاپسا قەلەي بىلنەر ئۆزگە يۇرتتا .
مەنسەپ تاپسا مالاي بىلىنەر ئۆزگە يۇرتتا ،
‏ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان مۇساپىرغا سالام بولسۇن
‏
‏كۈلكە-شاتلىق يۇرتىدىكى يىغا بولماس ،
‏نەپەس ئېلىش قىيىن بۇلۇر، ياكى قانماس ،
‏ئۆزگە يۇرتتا چىراي شۇنچە كۈلۈپ تۇرۇپ ،
‏ئامال قانچە قەلىپلەردىن چىراي ئاچماس .
‏
‏ئۆزگە يۇرتتا يىگەن پولو زاغرا بولماس ،
‏تويدا چالغان مۇڭ مۇزىكا ناغرا بولماس .
‏ئۆز يۇرتىدا يىگەن ئۇماچ شۇنچە تاتلىق ،
‏ئۆزگە يۇرتتا تاپقان بۇغداي ئارپا بولماس.
‏
‏ئاتا-ئانا،ئۇرۇق تۇققان، جان جىگەرنى ،
‏سېغىنىپ ئەجەپ، قىينار يۈرەك،شۇنچە دىلنى .
‏ساناپ يۈرۈپ ئۆتكەن كۈننى ھەتتا يىلنى،
‏شۇ بىچارە مۇساپىرغا سالام بولسۇن .
‏يۇرت ئىشقىدا قان يىغلىغان ئازاپ چەككەن ،
‏شۇ غەمگۈزار مۇساپىرغا سالام بولسۇن .
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms