Avatar
596w
قاشقۇن (Hi No. 3479865)
چوشقىلار
‏
‏ئاھ ۋەتەن زىمىنىڭدا يامراپ كەتتى چوشقلار،
‏تالان تاراج بۇلاڭ تالاڭ باشلاپ كەتتى چوشقىلار .
‏بىز يۈرىمىز بەزمىدە ھېچ نەرسىدىن بىخەۋەر ،
‏مۇناپىققا دەستەك بولۇپ يايراپ كەتتى چوشقىلار.
‏ئاپەت كەلسە بىشىمىزغا كۈلۈپ كەتتى چوشقىلار ،
‏يۈگەن سېلپ ئاغزىمىزدىن قوشقاقاتتى چوشقىلار.
‏زۇۋان سۈرمەس قىلىۋەتتى خەلقى ئالەم ئالدىدا ،
‏بىزنى يامان كۆرستىپ زەپەر قۇچتى چوشقىلار .
‏دۇتتارتەمبۇرچالغۇزۇپ مەشرەپ قۇردى چوشقىلار،
‏سامالارغا دەسسىتىپ پىخىلداشتى چوشقىلار.
‏ھىدايەتكە ماڭغاننىڭ يۈزلىرىگە قارسۈرتۈپ ،
‏تېرورىس دەپ چوقان سېلىپ قىرىۋەتتى چوشقىلار.
‏مېھماندوس دەپ ھەدېسەماختاپ بىزنى چوشقىلار،
‏داستىخانغا تىزغاننى ئېلپ ماڭدى چوشقىلار.
‏قالدۇق ئەمدى بۇيۇن قىسىپ تۆت تەرەپكە تەلمۈرۈپ،
‏ئاش يەۋاتقان قاچىمىزنى تارتىۋالدى چوشقىلار .
‏يۇرتۋازقىلىپ ھەممىمىزنى يۇرتنى ئالدى چوشقىلار،
‏تېغ تەڭلىتىپ بىربىرىمىزگە قاپقان قۇردى چوشقىلار.
‏ھەجەپ نادان مىللەتكەنمىز ھەممەگەپكە ئىشىنىپ.
‏ئۇسۇل ئويناپ ھارمىدۇق داپنى چالسا چوشقىلار.
Tweet
1 like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms