Avatar
578w
Bigan Nazariy (Hi No. 2973130)
ئىمانىڭدىن پەخىرلەن!

بۇ شېئىرىمنى ھەق يولىدا تىك تۇرۇپ، مۇستەھكەم ياشاۋاتقان بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا بىغىشلايمەن.



ھەق يولىنى كۆرسەتكەن، ئىسلامىڭدىن پەخىرلەن.
ھەقىيقەتنى سۆزلەتكەن، ئىمانىڭدىن پەخىرلەن.

رەبببىڭ قىلغاچ ھىدايەت، ئېيتتىڭ سەن شاھادەت،
بەرگەن ساڭا نۇر-ھىكمەت، ئىمانىڭدىن پەخىرلەن.

دېدىڭكى، ئۇ ئاللاھ بىر، بويسۇنۇپ قىلماي كىبىر،
قويمىغان قەلبىڭدە كىر، ئىمانىڭدىن پەخىرلەن.

پارقىراق چىھرىڭدە نۇر، مەنبىيى ئىمان ئېرۇر،
بەرگەن ساڭا كۈچ-غورۇر، ئىمانىڭدىن پەخىرلەن.

سۆيدۈڭ توغرا-راستلىقنى، يامان كۆردۈڭ يالغاننى،
يېڭىۋالغان شەيتاننى، ئىمانىڭدىن پەخىرلەن.

ھەقنى ئايرىپ باتىلدىن، ئېزىپ كەتمەي ئەقىلدىن،
پاناھ قىلغان كور دىلدىن، ئىمانىڭدىن پەخىرلەن.

ھەرچاغ سالامەت تۇرغان، ئىبادەتتىن ئاقارغان،
تەۋبە بىلەن ياشارغان، ئىمانىڭدىن پەخىرلەن.

ساقلاپ شەيتان-توزاقتىن، قەبرىدىكى سوراقتىن،
قورققان مەھشەر، دوزاختىن، ئىمانىڭدىن پەخىرلەن.

شۇ ھەقىيقەت يولىدا، قىلغان ھەتتا جان پىدا،
دېگۈزگەن رەببىم خۇدا، ئىمانىڭدى پەخىرلەن
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
1 Comment
سەبىرە :ماشاءالله576w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms