4'6"
561w
☝تەشنايى☪
(Hi No. 1359345)
قىيامەت سۈرنى چالسا ،ئسرافىل ، سۆزلسە پۇت-قولۇڭ،پېچەتلەنسە تىل ، ( سۈرە ياسىن 65-ئايەت )
ئەھۋالىڭ نە بۇلۇر شۇندا ئەي غاپىل ؟
ئۇنۇتما ئاللاھنى ،قىيامەت دەھشەت .
مەھشەرگە توپلانسا ،شاھ بىرلە گاداي ،
(بەك قىيىن كۈندۇر ئۇ ،يوق قاچارغا جاي ،)
بارمىقىڭ چىشلەيسەن ،دەپ
ئۇنۇتما ئاللاھنى قىيامەت دەھشەت .
دۇنيادا سىغىنغان ساختا
ھىچ ياردەم بىرەلمەس ،بولۇپ پاناھىڭ ،
جەھەننەم تەرەپكە سۆرەر گۇناھىڭ ،
ئۇنۇتما ئاللاھنى قىيامەت دەھشەت .
جەھەننەم قىزىسا ،لاۋۇلداپ يانسا ،
پەرىشتە ئەسكەرلەر سەپ بولۇپ تۇرسا ،
ئالەملەر خاقانى ھەق ھۆكۈم قىلسا ،
نە بولۇر ئەھۋالىڭ ؟قىيانەت دەھشەت .
بەس ئەمدى !ئەگەشمە نەفسى-ھەۋاغا ،
ئالدانما ،ئۆتكۈنچى پانى دۇنياغا ،
تۈنلەردە ئىلتىجا قىلغىن خۇداغا ،
قىيامەت يېقىندۇر ،قىيامەت دەھشەت .
21 Comments


