Avatar
579w
غېرىپ مۇساپىر (Hi No. 2050256)
‏چىقتىڭ بۈگۈن سەپەرگە
تىرىكچىلىكتە‏ يەڭ تۈرۈپ
‏قالدى كەتكەن يولۇڭغا
‏ئاتا ئاناڭ تەلمۈرۈپ
‏
‏كۈزلەرىگە ياش ئېلېپ
‏سۈيگىنىڭ تەنوھا قالدى
‏قوللىرىن شىلىتىپ
‏ئوغۇل قىزىڭمۇ قالدى
‏
‏خۇدايىمغا ئامانەت
‏دەپ قەدەمنى باشلىغىن
‏‏‏ئالدىڭ دىكى سىربار
‏يولغا نەزەر تاشلىغىن

‏‏بۇ يوللار ئۇزۇن يوللار
‏بۇيولدا ئۆلۈم تۇلا
ئاتام قاچان كىلۇر دەپ
‏كۈتەر سەبىر بالىلار
‏
‏ئوراپ شىرىن ئۇيقىلار
‏ئۇشبۇ يوللار قوينىدا
‏كەتتى يۇمۇلۇپ كۆزلەر
‏ئالەمدىن بولدى جۇدا
‏
‏شۇم ئەجەل ئېلىپ كەتتى
‏دىللارنى ۋەيران ئەتتى
‏كۈيۈمچان ھەم قەدىردان‏
‏ئەزىزلەر ئۈلۈپ كەتتى

‏ئاھ جاپاكەش مۇساپىر
‏بىرنى ئىككى ئىتەلمەي
‏نەدە يۈردىڭ تەمترەپ
‏تېخى ئۆيگە يىتەلمەي
‏
‏دۇئا قىلىپ سورايلى
‏ئاللاھتىن ئاماناىقنى
‏يولدا يۈرگەن مۇساپر
‏كۆرمىسۇن يامانلىقنى

‏خۇدايىمغا ئامانەت ‏
دەپ قەدەمنى باشلىغىن
‏ئالدىڭدىكى سىرى بار
‏يولغا نەزەر تاشلىغىن

‏بۇ يوللار ئۇزۇن يوللار
‏بۇيولدا ئۈلۈم تۇلا
‏ئاتام قاچان كىلۇر دەپ
‏كۈتەر سەبي بالىلار
‏
‏نامىڭ ئۇلۇغ ھەي ئاللا
‏دۇئا قىلىپ سورايمەن
‏يولدىكى مۇساپىرنىڭ
‏ئامانلىقىنى تىلەيمەن
(ئامىين!!!!!!)‏
‏
‏‏‏‏‏
Tweet
1 like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms