Avatar
632w
↑☞غرباء→※ (Hi No. 1512256)
ھىجاب ئارتقان قىز   تۇرغۇنجان ئەرشىدىن   بارىلىق ھەمشىرە قېرىنداشلارغا بېغىشلايمەن.   يۈرۈگۈمنى كۆيدۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى، قارا ھىجاپ ئارتقان قىزنىڭ زىبالىقى. كۆيدۈرمەستى مېنى بەلكىم بۇنچىۋالا، كوچىدىكى مودا قىزنىڭ تەننازلىقى.   زىبالىقىڭ ئەمەس سېنىڭ جامالىڭدا، بەلكى ئاللاھ بەرگەن ئىمان، تەقۋالىقتا. كۆيۈپ يۈرۈپ ئۆتۈپتىكەن بىر چاغلىرىم، ئوچۇق كىيىم سۇمبۇل چاچقا لەقۋالىقتا.   شائىر يازسا يازسۇن سەندەك گۈزەللەرنى، چۈنكى رەببىم ئەزىز قىلۇر ئىمانلىقنى. كۆيسەم مەنمۇ كۆيەي سەندەك گۈزەللەرگە، ئاتا قىلسۇن رەببىم ماڭا ھىجاپلىقنى.   ھىجاپ دېگەن تەندە بولۇر دىلدا ئەمەس، يۈرەكلەرنىڭ گۈزەللىكى ئوچۇقلۇقتا. دىللىرىغا ھىجاپ تاقاپ يۈرگەنلەرنىڭ، مانا بۈگۈن ئەۋرەتلىرى ئوچۇقلۇقتا.   بارچە دىللار ئۆگەنسۇن دەپ گۈزەللىكنى، شېئىر پۈتتۈم ئىلھامىڭدا ساباھ بىلەن. بىلسۇن، شەيئى گۈزەللىكى بويسۇنۇشتا، چۈنكى ئالەم يارالغان بىر ئاگاھ بىلەن.
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
7 Comments
مىھمان : 1" 629w
رەنجىمە : 6" 630w
مىھمان : 2" 630w
Muslima :630w
قەشقەرئ‍وغلى مەن : 2" 631w
sarsan :631w
eliyar2122 :632w
Copyright © 2014-2026 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms