Avatar
572w
يولۇچى (Hi No. 2261063)
«يىراق تۇرۇپ شۈبھىدىن نەپسىمىزنى پاكلايلى»

ئەبۇ غازى

كەلگىن دوستۇم بىرلىكتە ئاخىرەتنى ئويلايلى،
‏ھارام نېمە ؟ھالالچۇ؟بىز بۇلارنى ئايرايلى.
‏تەرىك ئېتىپ ھارامنى ھالال رىزىق بولايلى،
‏بىزگە رىزىق بەرگۈچى ئاللاھىمدىن قورقايلى.
‏يىراق تۇرۇپ شۈبھىدىن نەپسىمىزنى پاكلايلى.
‏
‏يىمەك ئىچمەك ھەر يەردە مەۋجۇتلۇقنىڭ مەنبەسى،
‏نەپسى دېگەن بالادۇر يوقتۇر ئۇنىڭ مەۋقەسى.
‏ھەر بىر يىگەن لوقمىنىڭ ئېلىنىدۇ قىساسى،
‏ھالالىغا ھېساپ بار ھارامىنىڭ جازاسى.
‏‏يىراق تۇرۇپ شۈبھىدىن نەپسىمىزنى پاكلايلى.
‏
‏قۇرئاندىمۇ بايان بار يىراق تۇرلى  ھارامدىن،
‏ھارام نى ۋە ھالالنى كۆرىۋاللى قۇرئاندىن.
‏دائىم ھەزەر ئەيلەيلى دەۋزەخ دېگەن ماكاندىن،
‏بۇيرۇلغاننى قىلايلى توسۇلايلى ياماندىن .
‏‏يىراق تۇرۇپ شۈبھىدىن نەپسىمىزنى پاكلايلى.
‏
‏شۈبھى ئۆزى ھارامغا مۇقەددىمە سانىلار،
‏بىزگە ھارام ئاشۇنداق كىچىكىدىن باشلىنار.
‏ئۇنىڭ شۇنداق تۈرى كۆپ بىر نەچچىگە ئايرىلار،
‏مۇتتەقىيلەر دائىما ھەر بىرىدىن ساقلىنار.
‏‏يىراق تۇرۇپ شۈبھىدىن نەپسىمىزنى پاكلايلى
‏
‏‏ھازىر باردۇر ھەر يەردە شۈبھىلەنگەن يىمەكلىك،
‏شۈبھى بولسا يىراق تۇر بىز ئەزەلدىن دىمەكلىك.
‏يىيىش بولسۇن گىياھنى ياكى يۇتۇم ئىچمەكلىك،
‏ئۆزىمىزنى ئويلايلى ھاياتىمىز قىممەتلىك.
‏‏يىراق تۇرۇپ شۈبھىدىن نەپسىمىزنى پاكلايلى.

‏‏‏نەپسىمىزنى پاك قىلىپ رەب ئالدىغا  بارايلى،
‏تۇترۇقىدىن دەۋزەخنىڭ جىسمىمىزنى ساقلايلى.
‏رىزقىمىز گە ھەردائىم بىزلەر شۈكۈر قىلايلى،
‏نىئمەت بەرگەن ئاللاھقا كۆپلەپ تەسبىھ ئېيتايلى.
‏‏‏‏يىراق تۇرۇپ شۈبھىدىن نەپسىمىزنى پاكلايلى.
‏
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
2 Comments
UMUTWAR KARWAN :568w
Muslima :570w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms