554w
يولۇچى
(Hi No. 2261063)
ئەرەبمۇ سەن ئۇيغۇرمۇ ؟ دەپ سۇراپتۇ بىر قىزچاق،كاللىسىدا ئىماندىن بىر چۈشەنچە بولمىغاچ.
ئىسلام دىگەن ئەزەلدىن مىللەت -ئىرىق ئايرىماس،
ئورناشتۇرساڭ قەلبىڭگە ، ئىمان- ئۇ نۇرلۇق چىراق.
يۇرۇتار ئۇ دىلىڭنى ، توغرىلايدۇ يۇلۇڭنى،
جاھالەتتىن تازىلار، ئۆي ئىچىنى – بۇلۇڭنى.
ئۇيۇشماقتۇر- ئىماننىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تۈۋرۈكى،
مۇستەھكەملەپ چىڭىتار، ئۆز ئورنۇڭنى، ئۇلۇڭنى.
ئەرەب ئەمەس ئەي قىزچاق، مەن مۇسۇلمان بىر بەندە،
ئەرەب ، ئۇيغۇر ھەممىسى ياشايدىغۇ بىر تەندە.
ئايرىمايمىز، بۆلمەيمىز، ھەممە ئورتاق بىر گەۋدە،
بۇيرىغانتى شۇنىڭغا ئىگىمىز خۇداۋەندە.
سەللە – تونلار ھېچقاچان ئەرەبكىلا خاس ئەمەس،
ھېجاپلىنىش- ئورىنىش ئەرەبنىڭلا ئىشى ئەمەس.
نۇرغۇن ئەرەب يۈرۈيدۇ، تولغاپ كاسسا پىقىرتىپ،
مۇسۇلمانلىق ئەزەلدىن ئەرەب دىگەن گەپ ئەمەس!
يۈسۈپ،مەھمۇد بۇۋامنىڭ ئەۋلادىمىز- ئۈمىدى،
ئىسلام دىمەك ئۇيغۇرنىڭ جان باغرىدۇر يۈرىكى.
ئىسلامسىز ئۇيغۇرنى قىلالماسمەن تەسەۋۋۇر،
باردۇر ئۇنىڭ مىڭ يىللىق ئەجەب شانلىق تارىخى.
ئىسلام بىلەن كۈچلەنگەن روناق تاپقان مىللىتىم،
يازغان شانلىق تارىخنى زەپەر قۇچقان مىللىتىم.
نەدىن يۇقتى جاھالەت، خۇراپاتلىق بىدىئەت،
تاشلاپ قۇيۇپ ئىسلامنى كۈلپەت تارتقان مىللىتىم.
شۇڭا دەيمەن ئەي قىزچاق، ئاڭلىغىنكى گەپ قىلما،
ھىجاپلانسا گەر بىرى ، چىشلىمىگىن غاجلىما،
ئەرەبمۇ سەن ئۇيغۇرمۇ؟ دەپ سۇئالمۇ قويىما،
ئېچىپ قۇيۇپ مەيدەڭنى، كىندىك،يۇتا، بىلەكنى،
پاخپايتىپ چېچىڭنى، گەر يۆگىسەڭ «مەدەكنى»،
ئۇنتۇپ كەتكىن ئۆزەڭنى ، ئۇيغۇر مەن دەپ ئويلىما.
مەنبە: سۈكۈت (svkvt99)