Avatar
574w
سەبرى (Hi No. 3404056)
ۋىژدان مېنىڭ ياقامدىن سىقتى،
ۋىژدان مېنى بالاغا تىقتى.
مەن ۋىژداندىن نىجاتلىق كۈتسەم،
ھەممە پىشكەل ۋىژداندىن چىقتى.
دېدى بىرسى ئۇنداق ۋىژداننى،
يوقات نېرى سېتىۋەت دېدى.
ئەسقاتمىغان شۇنداق ۋىژداننىڭ،
چىشلىرىنى چېقىۋەت دېدى.
ماڭا كەسىپ ۋىژدانلىق ياشاش،
نان ساتىمەن ۋىژدان ساتمايمەن.
قانداق يۈرەي ۋىژدانسىز ياشاپ،
جان چىقسىمۇ ۋىژدان ساتمايمەن.
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms