Avatar
599w
نىلۇپەر (Hi No. 3071985)
نۇمۇس قىلما داداڭدىن تۇرقى جۇل جۇل بۇلسىمۇ سىنى باققان دادا ئۇ مەدىكار قۇل بۇلسىمۇ نۇمۇس قىلما داداڭدىن سىنى يۇقلاپ كەلگەندە باش كۆزۈڭنى سىلاپ ھەم مەمنۇن بۇلۇپ كۈلگەندە نۇمۇس قىلما داداڭدىن ساڭا قۇچاق ئاچقاندا ھاياجاندا كۆزىگە ئىسسىق ياشلار ئالغاندا نۇمۇس قىلما داداڭدىن ‏ئاددى ‏ئىنسان بولسمۇ ھەممە غەلبە قىلغاندا مەغلوبىيەتتە قالسىمۇ نۇمۇس قىلما داداڭدىن شاھ تەختىگە چىقساڭمۇ داداڭ ‏‏ئىشەك مىنگەندە ‏ئاسمانلاردا ‏ئۇچساڭمۇ نۇمۇس قىلما داداڭدىن پۇلى كۆپ بولمىسمۇ خەق كىكىرىپ يۈرگەندە ‏گەر قۇرسىقى تويمىسىمۇ نۇمۇس قىلما داداڭدىن تەرلەر پۇراپ يۈرسمۇ ‏ئەل جاما‏ئەت ھەممىسى بۇرۇن ‏ئىتىپ قاچسمۇ نۇمۇس قىلما داداڭدىن ساراڭ بۇلۇپ قالسىمۇ ‏ئۇزۇن يىللار ‏ئۆيۈڭدە كىسەل بۇلۇپ ياتسىمۇ نۇمۇس قىلما داداڭدىن ھەممىنى تەل قىلمسىمۇ سەۋەپكاردۇر تۇغۇلۇشقا گەر ياراتقان بولمىسىمۇ ئاپتور:سۈرىيە (ئەزھەرى) تەستىقلىغۇچى :ئەبۇ غازى ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم مەزمۇننى كۈچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ
Tweet
1 like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms