Avatar
574w
☝تەشنايى☪ (Hi No. 1359345)
چالا تەگكەن ئوق
ۋادەرىخا، ئوقنى تەگكۈزدۇق چالا،
شۇ تۈپەيلى باغرىمىز قانلىق يارا.
قامچا - كالتەك ئاستىدا قالدۇق يەنە،
قوش بىلەن سۆرەمگە مەھكۇم ئۇي - كالا.

قەھرىمىزدىن ئوت چېچىلدى قانچە رەت،
قىپقىزىل يانغىنغا تولدى تاغ - دالا.
كۆيمىدى يانغىندا سىرتماق نە ئۈچۈن؟
نە ئۈچۈن بىز بۇ بالاغا مۇپتىلا.

ئەمدى بىلسەك، ئوقنى تەگكۈزدۇق چالا،
شۇ سەۋەبتىن باغرىمىز بولدى يارا.
ۋادەرىخا، ئوقنى تەگكۈزدۇق چالا،
ھەممىدىن بەتتەر ئىكەن سۈلھى - سالا.

مۇھەممەدئەلى زۇنۇن تەشنائىي
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
3 Comments
Wahxi :565w
mujahit :568w
سەبرى :ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم574w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms