Avatar
599w
نىلۇپەر (Hi No. 3071985)
قايغۇ سۆزى قۇرئاندا چەكلەنگەن بولۇپ، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر مۇئمن بولساڭلار بوشاڭلىق قىلماڭلار ۋە قايغۇرماڭلار". ياكى ئىنكار قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ مونداق دەيدۇ: "ئۇلارغا جەننەتتە قورقۇش ۋە قايغۇرۇش يوقتۇر". بۇنىڭدىكى سىر شۇكى، قايغۇرۇش قەلبكە زىيانلىقتۇر، شەيتانغا ئەڭ ياخشى كۆرىلىدىغان نەرسە ئىنساننىڭ قايغۇغا مۇپتىلا بولۇشىدۇر، قايغۇ سەۋەپلىك شەيتان ئىنساننى يولىدىن ئازدۇرىدۇ ۋە ئىلگىرلىشىگە پۇتلىكاشاڭ بۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەم-قايغۇدىن پاناھلىق تىلەپ مۇنداق دۇئا قلغان: "ئى ئاللاھ، غەم قايغۇدىن ئامان قىلغايسەن!". قايغۇ قەلبنى ئاجزلاشتۇرىدۇ، ئىقتىدارنى نابۇت قىلىدۇ، ئىرادىنى بوشاشتۇرىدۇ، مۇئمىننىڭ قايغۇرۇشى بىلەن شەيتان ئىنتايىن خوش بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ياخشى تۇيغۇلاردا بولۇڭلار، ئاللاھقا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ئاللاھنىڭ نىمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار، شۇ ۋاقىتتا بەخت- سائادەتكە ئېرىشەلەيسىلەر! قايغۇرماڭلار بولامدۇ ؟؟؟ ئى ئاللاھ مىنى تاشلىما ........!
Tweet
1 like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms