599w
نىلۇپەر
(Hi No. 3071985)
دەرت كەلدى دەپ دەرت بىلەن تەڭ تۈگىشىپ كەتكىلى بولمايدۇ. ھايات شۇنداق، بىر ياقتىن يىغلاپ بىر ياقتىن كۈلۈپ ياشايدىغان گەپ. پولاتمۇ نەچچە مىڭ گرادۇسلۇق ئوتتا تاۋلىنىپ چىقىدۇ. كۈن نۇرى كۆرۈپ تۇرغان مېۋىمۇ تاتلىق بولىدۇ. ئەگەر مېۋە زۇۋانغا كېلىدىغان بولسا، ئاپتاپتا قاقلىنىپ ماجالىم قالمىدى دېيىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئاپتاپتا تۇرماي تۇرۇپ ئۇ تاتلىق بولالمايدۇ. چىققان قوياش پاتىدۇ. سوزۇلسىمۇ ئۇزاققا بۇ قاراڭغۇ كېچە ھامان تاڭ ئاتىدۇ. ئۈمىدىمىزنى يوقۇتۇپ قويمىساقلام، يۈسۈپتىن ئايرىلغان ياقۇپنى يۈسۈپ ۋىسالىغا يەتكۈزگەن ئاللاھ، نۇھقا قۇرۇقلۇقتا كېمە ياساشقا بۇيرۇپ ۋاقتى كەلگەندە دېڭىزنى نۇھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگەن زات يوقۇتۇپ قويغان خوشاللىقىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قادىر. بۇنىڭغا ئىمانىمىز كامىل بولسۇن. !!!
1 like
1 Comment
قتال . :http://digisocial.com/p/22826323594w