559w
طالب العلم
(Hi No. 2019989)
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ مۇھەببىتىم، ياخشى كۆرۈشۈم، دوست تۇتۇشۇم، مېنى دەپ مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ مېنىڭ يولۇمدا ئۆزئارا بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن، دوستلاشقان، بىرگە ئولتۇرغان، ئىلمى مەجلىس ئاچقان، مال – دۇنياسىنى ھەق ئۈچۈن تاپشۇرۇشتا مۇسابىقىلەشكەن، ئۆزئارا يوقلىشىپ، زىيارەت قىلىشقان، ئىتتىپاقداش بەندىلىرىم ئۈچۈندۇر، مېنىڭ كاتتا ئۇلۇغلۇقۇم، ھەققىدىلا بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن، دوستلاشقانلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى نۇردىن مۇنبەرلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى پەيغەمبەرلەر، شېھىدلەرمۇ ئارزۇ قىلىپ قالىدۇ، ئەھمەد، تەبرانى، ھاكىم، بەيھەقى و تىرمىزى توپلىغان، سەھىھ، ئاللاھ رازىلىقىدا دوستلىشايلى. ئۇبادەت ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ مۇھەببىتىم، ياخشى كۆرۈشۈم، مېنى دەپ ياخشى كۆرۈشكەن، دوستلاشقانلار ئۈچۈن ھەق، ۋاجىپ بولدى، مېنىڭ مۇھەببىتىم، ياخشى كۆرۈشۈم، مېنى دەپ مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ، ئۆزئارا ئالاقە قىلىشىپ باردى – كەلدى قىلىشقان، سىلە – رەھىم، دوستلۇقنى ئۇلىغان، ئۆزئارا نەسىھەت قىلىشقان، ئۆزئارا يوقلاپ، زىيارەت قىلىشقان، مېنى دەپ مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن مال – دۇنياسىنى بېرىشتە، ھەق ئۈچۈن تاپشۇرۇشتا مۇسابىقىلەشكەن كىشىلەر ئۈچۈن ھەق ۋاجىپ بولدى، مېنى دەپ بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، دوستلاشقانلار، قىيامەت كۈنى نۇردىن بولغان مۇنبەر ئۈستىدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى پەيغەمبەرلەرمۇ، سىددىيىق، شېھىدلارمۇ ئارزۇ قىلىپ قالىدۇ، (ئىسلام دىنىدا بىرلەشتۈرۈشكە، بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، دوستلاشتۇرۇشقا، بۇنىڭدىن ئارتۇق تەرغىبات، مۇكاپات يوقتۇر)، ئەھمەدتە بەش ئورۇندا كېلىدۇ، 21066 – ھەدىس، مالىك، تەبرانى، ھاكىم توپلىغان، سەھىھ.