547w
طالب العلم
(Hi No. 2019989)
قوماندانلاردىن مۇئاز ئىبنى جەبەلمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەسكەرلەرگە مۇنداق دەپ خىتاب قىلدى:«ئەي ئەھلى قۇرئان! ئەي ئىلاھىي كىتابنىڭ ئىگىلىرى! ئەي توغرا يولنىڭ ۋە ھەقنىڭ مۇھاپىزلىرى! اﷲ نىڭ رەھمىتىگە نائىل بولۇش ۋە جەننەتكە كىرىش قۇرۇق تەمەننا بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. اﷲ نىڭ مەغپىرىتى ۋە كەڭ رەھمىتى بۈگۈنكىدەك جىھادقا چىن ئېتىقادى بىلەن قاتناشقان ۋە اﷲ نىڭ مۇجاھىدلارغا بەرگەن ۋەدىسىگە ھەقىقى ئىمانى بىلەن ئىشەنگەن كىشىلەر ئۈچۈندۇر. اﷲ تائالانىڭ:
]اﷲ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى[[2] دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟ ئەي مۇجاھىدلار! اﷲ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن. اﷲ نىڭ سىلەرنى دۈشمەندىن قاچقان ھالەتتە كۆرۈشىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار! چۈنكى سىلەر ھەر قانداق شارائىتتا اﷲ نىڭ قۇدرەت ئىلكىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىش مۇمكىن ئەمەس. اﷲ نىڭ ياردىمى بولماي تۇرۇپ غەلىبە قىلالمايسىلەر، ھۆرمەت ـ ئېتىبارغا ئېرىشەلمەيسىلەر.»
قوماندان ئەمر ئىبنى ئاسمۇ ئۆز قول ئاستىدىكى قوشۇنغا مۇنداق دېدى:
«ئەي مۇسۇلمانلار! تىز چۆكۈڭلار ۋە كۆزلىرىڭلارنى يۇمۇڭلار! نەيزەڭلارنى تۈزلەپ، مەھكەم تۇتۇڭلار. ئەگەر دۈشمەن ئۈستۈڭلارغا باستۇرۇپ كەلسە، ئاۋۋال ئۇلارغا پۇرسەت بەرگەندەك بولۇۋېلىڭلار. نەيزىلىرىنى سىلەرگە توغرىلىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خۇددى شىر ئوۋغا ئېتىلغاندەك ئېتىلىپ، قىلچە ئارام بەرمەڭلار!
توغرا ئىشتىن مەمنۇن بولىدىغان، راستچىللارغا غەيرەت ـ شىجائەت ئاتا قىلىدىغان، خاتانى جازالاندۇرۇپ، توغرىنى مۇكاپاتلاندۇرىدىغان اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، بۇ مەملىكەتنى يۇرت ـ يۇرت، ئوردا ـ ساراي، ھەتتا ھەممە بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىغىچە فەتىھ قىلىدىغانلىقىڭلارغا دائىر خۇشخەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۆپلۈكى ياكى ئوردىلىرىنىڭ بەھەيۋىتى سىلەرنى ھەرگىز قورقۇتمىسۇن! ئەگەر ئۇلارغا قارشى پىداكارلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ چىل بۆرىنىڭ كۈچۈكلىرىدەك ھەر تەرەپكە پېتىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىلەر.»