Avatar
575w
☪ Cαгvαη♚☝ (Hi No. 1426132)
كىملەر
ئازاپلاندىم بىراۋلار ئۈچۈن،
ئازابىمنى چۈشەندى كىملەر؟
خۇشاللاندىم بىراۋلار ئۈچۈن،
خۇشلىقىمغا ئىشەندى كىملەر؟

كىچەلەرى تىنماي ئاھ تارتتىم،
شۇ ئاھىمنى چۈشەندى كىملەر؟
كۈندۈزلىرى گەپ-سۆزدە ئازدىم،
ئازغىنىمغا ئىشەندى كىملەر؟

بىراۋ ئۈچۈن كۆپلەپ دەرت تارتتم،
مېنىڭ ئۈچۈن دەرت تارتتى كىملەر؟
بىراۋ ئۈچۈن خۇشالمۇ بولدۇم،
مېنىڭ ئۈچۈن خۇش بولدى كىملەر؟

بىراۋلارنى ئۇنتۇش تەس كەلدى،
مەن غىرىپنى ئەسلىدى كىملەر؟
بىراۋ ئۈچۈن دەريا بوپ ئاقتىم،
مېنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكتى كىملەر؟

بىراۋلارنى سۆيدۈم چىن دىلدىن،
شۇ سۆيگۈمگە ئىشەندى كىملەر؟
بىراۋلارنى سىغىندىم شۇنچە،
مىنى شۇنداق سىغىندى كىملەر؟

بىراۋ ئۈچۈن ئازاپلانسام گەر،
ئازابىمنى چۈشىنەر كىملەر؟
ھەم خۇش بولسام بىراۋلار ئۈچۈن،
خۇشلىقىمغا ئىشىنەر كىملەر؟
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
1 Comment
🌟ㄨひKひR !✨βοУ :Buradar. Kimlar diganni maga yullap birigla575w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms