550w
♥جان پىدا♥
(Hi No. 2057652)
ھەقىقى كۈنلەمچى ئەر ئايالىنى ھىجاپسىز،جىلبابسىز كوچىغا چىقارمايدىغان ئەردۇر.ھەقىقى مۇسۇلمان ئەر <<دەييۈز>>بولۇپ قىلىشتىن ھەر مىنۇت ئېھتىيات قىلىدىغان ئەردۇر. دەييۈز دىگەن كىم بۇ؟ دەييۈز ئۆز ئەھلىنى نامەھرەمدىن كۈنلىمەيدىغان ،ئايالىنىڭ ئىسلامى كىيىنىشىنى ياقتۇرمايدىغان، جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ تاپالمايدىغان ئەردۇر.ئۇنىڭ شەكلى ئەر ،ماھىيىتى ئەر ئەمەستۇر. قېنى قايسى ئەركەك مەن <دە ييۈز ئەمەس >دېيەلەيدۇ؟ خوتۇنلىرى باشقىلارنىڭ قوچىقىدا تانسا ئوينىسا تاماشا كۆرگەنلەرمۇ؟ ئايالىڭ چىرايلىقكەن دىسە خۇشاللىقتىن دوپپىسى ئاسمانغا چىقىپ كېتىدىغانلارمۇ؟ قىز ،ئاياللىرى،ھەدە-سېڭىللىرى ھېلىلا يوتقاندىن چىققاندەك يۈرسە زامانىۋىلىق،تەرەققىيات،ئېچىۋىتىشكە ماسلاشتىم دەپ گېدىيىپ يۈرىدىغان ئىچى قۇرۇق پور كۆتەكلەرمۇ؟ قىز نەۋرىلىرى قونچاقتەك كوچىدا تاكىلدىتىپ يۈرسە مەسچىتتە ۋەز سۆزلەۋاتقان پوشكالچى مولىللارمۇ؟ يەنە كىملەر مەن دەييۈز ئەمەس دېيەلەيدۇ؟ ئېنىقكى اللە ۋە رەسۇلىنىڭ يولىدا مېڭىپ قىز-ئاياللىرىنى ھىجاپلاندۇرغان ،قوغدىغان،كۈنلىگەن،ئاسرىغانلار مەن دەييۈز ئەمەس دېيەلەيدۇ. (ھەدىس:دەييۈز جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقى 500 يىللىق مۇساپىدىن پۇراپ تۇرىدۇ. )