557w
Ꭲོ༥ོ༩ོ༥ོkི
(Hi No. 1371712)
ئاپرېل ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا يېغىۋاتقان بۇ قارلار بىزلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتامدۇ نېمە ؟ بالدۇرلا ئۇچۇق ،تار كىيىملەرنى كىيىۋالغان قىزلىرىمىز،ئاياللىرىمىزغا بۇ قار نېمە دېمەكچى؟؟قىزلىرىمىز دىققەت ! ئاپرېل ئايلىرىىنىڭ ئاخىرىدىمۇ قار ياغدۇرۇشقا قادىر بولغان ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن گۈزەل چىرايلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئەلۋەتتە قادىر ! شۇ گۈزەللىكنى ،ساغلاملىقنى ئاتا قىلغان رەببىڭىزگە شۈكۈر قىلىپ ئۇ زات بۇيرىغان شەكىلدە كىيىنىشنىڭ ئورنىغا شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئۇچۇق ،تار كىيىملەرنى كىيىۋېلىشىڭىز ئاسىلىق ،يۈزسىزلىك ،تۇزكورلۇق بولماي نېمە ؟بىلىپ قېلىڭ ،ئىنسان ھامان قېرىيدۇ ،گۈزەل چىرايلار يوقىلىدۇ .سىزنى شۇنداق كىيىنىشكە چاقىرغان دوستلىرىڭىز ھەم ئۆز يولىغا ماڭىدۇ .ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىمىز رەببىمىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھىساب بېرىمىز ،ئۇ كۈندە ھېچكىمنىڭ -ھېچكىم بىلەن كارى بولمايدۇ ،ھەتتا ئاتا ئانىمىز بىلەنمۇ كارىمىز بولالمايدۇ .ئىي ئەقىللىق ئىنسان !ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزۇڭ ! رەببىڭىزنى تونۇپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ ئىنسانى سۈپەتتە ياشىشىڭىز دەل ئۆزىڭىزنى قۇتۇلدۇرغىنىڭىز !