551w
Alip
(Hi No. 2771624)
ئەر: ئەسىر ناماز ئوقۇدىڭىزمۇ؟ ئايال: ياق . ئەر: نېمىشقا ؟! ئايال: خىزمەتتىن قايتىپ كېلىپ ، بەك چارچاپ كېتىپتىكەنمەن ، ئازراق ئۇخلاپ قوپتۇم . ئەر: ئۇنداقتا ھازىر تۇرۇپ خۇپتەن نامىزىغا ئەزان چىقىشتىن بۇرۇن ئەسىر بىلەن شامنى ئوقۇۋېلىڭ ! ئەتىسى ئەر خىزمەت ئىشى بىلەن كاماندورۇپكىغا چىقىپ كەتتى. بىر نەچچە سائەتتىلا ئۇ بارماقچى بولغان يەرگە بېرىپ بولاتتى . لېكىن ئەر ئۆزىنىڭ سالامەت يېتىپ بارغانلىقىنى ئايالىغا بىلدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېلىفون قىلمىدى ياكى ئۇچۇرمۇ ئەۋەتمىدى . ئەر ھەر قېتىم سىرتقا چىققىندا شۇنداق قىلاتتى ، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنداق قىلمىدى. ئايال يولدىشىنىڭ سالامەت يېتىپ بارغانلىقىنى بىلىپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدى، لېكىن يولدىشى تېلفوننى ئالمىدى . ئايال قايتا -قايتىلاپ تېلىفون قىلدىيۇ لېكىن يەنىلا جاۋاپ كەلمىدى. ئايال ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى .. ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق قىلمايتى دەپ ئۆز ئۆزىگە گەپ قىلاتتى. بىر ،ئىككى ،ئۈچ كەينى -كەينىلەپ تېلىفون قىلاتتى ، لېكىن يەنىلا جاۋاپ يوق...بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ، ئەر ئايالدىن كەلگەن تېلفوننى ئالدى.... ئايال ئۇھ تارتقان ھالەتتە: سالامەت باردىڭىزمۇ ؟ ئەر : ھەئە ،الحمد لله سالامەت كەلدىم. ئايال: قاچان يېتىپ باردىڭىز ؟ ئەر : تەخمىنەن 4 سائەتلە بولۇپ قالدى. ئايال ئاچچىقلىغان ھالەتتە : 4 سائەت ؟! ماڭا تېلفونمۇ قىلىپ قويماي!! ئەر : كەلگۈچە بەك چارچاپ كېتىپتىمەن ، ئۇخلاپ قاپتىمەن . ئايال : ماڭا تېلفون قىلىپ دەپ قويغان بولسىڭىزمۇ ، بىر نەچچە مىنۇتلۇق ئىش سىزنى چارچىتىپ كەتمەستى؟ مەن تېلىفون قىلغان سىزگە، تېلىفون ئاۋازنىمۇ ئاڭلىمىدىڭىزما؟ ئەر: ياق ، ئاڭلىدىم . ئايال: ئاڭلاپ تۇرۇپ تېلفوننى ئالمىدىڭىز ؟ نېمىشقا ؟ مەن بىلەن كارىڭىز يوقما ؟ پەرۋا قىلمامسىز ماڭا ؟ ئەر: ياق ئۇنداق ئەمەس ... لېكىن تۆنۈگۈن سىزمۇ ئەزاننى ئاڭلاپ تۇرۇپ پەرۋا قىلمىدىڭىزغۇ ؟ ئاللانىڭ چاقىرىقى ئۇ ...... ئايال بىر ئاز شۇك تۇرغاندىن كېيىن : شۇنداق مەن ھەقلىق ، مەن كەچۈرۈم سورايمەن... ئەر: سىزنى كەچۈرىدىغان كىشى مەن ئەمەس . ئاللادىن قىلغان گۇناھىڭىزنى مەغفىرەت قىلىشىنى سوراڭ . ئاندىن ئىككىنچىلاپ يەنە ئۇنداق قىلىپ سالماڭ! مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمۈدۈم شۇكى ئاللا بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتىمىزنى باشلايدىغان جەننەتتىكى قەسىرلەردە بىللە قىلسىكەن دەيمەن .... شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پەرز نامازلىرىنى قەتئىي كېچىكتۈرمىدى.... سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئۇ سىزنى ئالدىڭىزغا ، ئاللا تەرەپكە مېڭىشىڭىزغا ئىنتىلدۇردىغان ئاندىن كەينىڭىزگە قايتىپ قېلىشىڭىزنى توسۇش ئۈچۈپ يولىڭىزنى توسۇپ تۇرىدىغان كىشىدۇر... [玫瑰][爱心][玫瑰][爱心][愉快] بىر يىگىت مۇھەممەت ئەلغەززالي دىگەن ئالىمدىن نامازني تەرىك قىلغۇچىنىڭ ھۆكمي نىمە دەپ سوراپتۇ ? شەيخ ئۇكىشىگە نامازني تەرىك ئىتىشنىڭ ھۆكمي نامازني تەرىك قىلغان كىشىني مەسچىتكە ئېلىپ كىلىشىڭ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ,, نىمىدىگەن مەنىلىك جاۋاپ بۇ ? ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن ! " قازي بۇلۇشتىن بۇرۇن دەئۋەتچي بۇلۇڭ ! " باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا ھۆكۈم چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ خاتالىقىني تۇزۇپ توغىرغا چاقىرىشقا تىرىشىڭ ! ئاللاھ ھەممىمىزني ئۆزي ياخشي كۆرىدىغان ئەمەللەرگە مۇۋەففەق قىلسۇن ,, ئامين !