551w
Alip
(Hi No. 2771624)
ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر شېئىرى گۆش يىسەڭ ئىتىڭغا ئاشمىدى سۈڭەك، ئۇن دىسە ئۆزگىگە بەمىدىڭ كىپەك. ھاياتىنىڭ پەيزىنى سۈردۈم دىسەڭمۇ، نىمە بار سىنىڭدە ئەلگە قالغۇدەك؟ بىر زاھىد ئورىدى بىشىغا سەللە، ئاغزىدا دۇرۇتى،كۆڭلىدە زەللە. مىسالى تۇماندىن تىز بولدى غايىپ، دۇئانى تۈگىتىپ يىغقاندا ‹‹غەللە››. يارالمىش زاتىڭنى ئەسلا ئۇنۇتما، ياخشىنى يامان دەپ ئەلگە تونۇتما. قىلمىشنىڭ ھىسابىنى ئالار ئالەم بۇ، ھەتتاكى بىر گۈلنى ئاسرا،توزۇتما. شاھ كەبى دەۋرانلار سۈرسەڭمۇ ئەگەر، ئايانكى قىسمەتنىڭ سۇنمىقى زەھەر. ھەر كىمگە پەلەكنىڭ پۈتمىشى شۇنداق، تۈندىكى يۇلتۇزمۇ تاڭ بىلەن ئۆچەر. بئەنە كۆلدىكى بىر توپ ئۆردەككە، شۇلار ھەم يەكلىشىپ بىرىشمەس دەككە. نىمىشقا بەزىلەر ئۆتمەس ئەپ-ئىناق، زەھەردەك نەشتەرنى سانجىپ يۈرەككە. ئاناڭنىڭ قەدرىنى شاھتىن يۈكسەك بىل، شاھقىمۇ شۇ ئانا بەرگەن زۇۋان-تىل. مەۋجۇتمۇ ئانسىز ساڭا بۇ ئالەم، بارىدا ھەسسىلەپ ئاڭا خىزمەت قىل. ياشىما ئاتاڭنىڭ نامىنى سىتىپ، دپ يۈرمە ‹‹ئۇ قۇچقان شەرەپلەر ماڭىلا نىسىپ››. ئاتاڭنىڭ بىر كۈنلۈك باسقان يولىنى، ئۈمرۈڭدە بىر قىتىم باقماستىن بىسىپ. تۇرمايدۇ مەڭگۈلۈك قەسىرلەر تىمى، ھامىنى خاك بولۇر تاغمۇ بىر كۈنى. تاپقىنى تۇرسىمۇ ساندۇقتا مىڭ يىل، ۋە لىكىن تۇرمايدۇ ئىنساننىڭ جىنى. گۈللەرنىڭ ئۇزلىقى،ھىدى كۈزگىچە، يۇلتۇزلار جىلۋىسى تاڭلار ئاتقۇچە. كىشىلەر غەنىمەت ئۇ ۋاقىت دېمەك، بۇرادەر،قەدىرلە،قولدىن كەتكىچە. مۇھەممەد سالىھ داموللا