Avatar
578w
مۇسلىمە (Hi No. 3136612)
‏قەبرە ئازابىغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلار 1. شىرىك 2. يالغانچىلىق (يالغانچىلىق شىرىك بىلەن ئوخشاش ) 3. قۇرئان – ھەدىسنى تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلىماسلىق 4. زىنا 5. نىجاسەتتىن ، سۈيدۈكتىن ئۆزىنى پاك تۇتماسلىق ، تاھارەت سۇندۇرغاندا ئەۋرەتنى يوشۇرماسلىق . 6. چىقىمچىلىق ، سۇخەنچىلىك ، ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئىككى ئادەمنىڭ گىپىنى بىر – بىرىگە توشۇش . 7. نامازغا سۇسلۇق قىلىش (ئوقۇماسلىق ئەمەس سۇسلۇق قىلىش ) ، ۋاقتىغا سۇسلۇق قىلىش ، رۇكۇ – سۇجۇدلىرىغا سۇسلۇق قىلىش ، تاھارەتكە سۇسلۇق قىلىش ، نامازدىكى تازلىققا سۇسلۇق قىلىش ، دۇنيا ئىشلىرىنى دەپ نامازنىڭ ۋاقتىنى كىچىكتۈرۈش . 8. ئاللاھ پەرز قىغان زاكاتنى بەمەسلىك . 9. بىدئەتچىلىك ( قۇرئان - ھەدىستە يوق ، ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىبادەت قىلىپ يولغا قويمىغان ئىشنى ئىبادەت ئۆزىچە قىلىۋىلىش .) 10 . باشقىلارغا ناھەق قارا چاپلاش ، بۆھتان چاپلاش . 11. مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزۈش ، ئىغىزىمىزدىن چىققان سۆزلەر بىلەن باشقىلارنىڭ يۈز – ئابرويىنى تۆكۈش . (رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر مۇسۇلماننىڭ ئابرۇيى كەئبىدىن ئۇلۇغ دىگەن . ) 12 . پارىخورلۇق (بىر ھەق ئىشنى ناھەق قىلىش ئۈچۈن ، ناھەق ئىشنى ھەق قىلىۋىلىش ئۈچۈن ، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن ، ياكى بىر ئەمەل مەنسەپكە ئىرىشىۋىلىش ئۈچۈن بىرلگەن ۋە ئىلىنغان پۇل .) 13. يىتىمنىڭ ھەققىنى يىۋىلىش . 14. جازانى يىيىش ، ئۆسۈم يىيىش ( ئاللاھ تائالا شۇنداق دەيدۇ ، جازانە يىگۈچىگە ئۇرۇش ئىلان قىلىمەن . ) 15 . مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش . 16 . يامانلارغا يانتاياق بولۇش ، زالىملارنىڭ چاپىننى كۆتۈرۈش ، يامان ئىشلارغا ياردەمچى بولۇش . 17 . تارازا، مىتىر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆلچەم قۇراللىرىدا كام بىرىش ، كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىش ، ھەقنى تولۇق ئادا قىلماسلىق . 18 . پالچىنىڭ قېشىغا ، سىھرىگرلەرنىڭ قىشىغا ۋە داخانلارنىڭ قىشىغا بىرىش . 19. ئاياللارنىڭ چىچىنى ئوچۇق قويىشى . 20.ئېغىز يامانلىق ، سەت گەپ قىلىش ، تىلىغا ئىگە بولالماسلىق . 21 . بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بىرىش. ئۆزى بىلگەنچە باش-باشتاقلىق قىلىپ پەتىۋا بىرىش، بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بىرىش ئاللاھقا تۆھمەت قىلىشتۇر . 22 . قەبرە ئازابىغا ئاساسلىق سەۋەپ بولىدىغان چوڭ ئىشنىڭ بىرى- غەيۋەت !!!! غەيۋەت دىگەن بىر ئادەم يوق يەدە شۇ ئادەمنىڭ يامان گېپىنى قىلسىڭىز ، شۇ گەپ ئاشۇ ئادەمگە يەتسە نارازى بولىدىغان ، رەنجىيدىغان گەپنى قىلسىڭىز مانا بۇ غەيۋەت بولىدۇ . ئۇنىڭدا با ئەيىپنى دىسىڭىزغۇ غەيۋەت بولىدۇ ، يوق ئىشنى دىسىڭىز تىخىمۇ ئىغىر گۇناھ بۆھتان بولىدۇ . يۇقارقىلاردىن ئاللاھ ساقلىسۇن!
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
8 Comments
ازهر :امين562w
ئۇيغۇر :ئالامەت گەپكەن رەھمەت570w
كاشكى شەھىد بولسام : 3" 573w
مۇسلىمە :ئىنشا ئاللاھ ئاللاھ ھەممىىزگە مەغفىرەت ۋە رەھمەت قىلسۇن ....ئامىن!577w
Ayixa :Allah rahmat kilsun577w
ئەنسار :577w
ئنتىلىمەن : 4" 577w
miskin :577w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms