559w
☜هدف☞
(Hi No. 1420702)
- مۆمىنجان! نېمىشقا مومىغا چىقىۋالدىڭ؟ - مۆمىن دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەسكە قارىدى–دە، خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى. - دادا! سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بايراقنى چىقىرىپ بەردىم. بوۋاي ئەھۋالنى تېزلا چۈشەندى. ئۇ بالىنىڭ مومىدىن سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى– دە، قاتتىق ۋارقىرىدى: - توختا! چۈشمە دەيمەن! مۆمىن بۇ چاغدا سىيرىلىپ ئۈستۈنكى ئۇلاققا چۈشۈپ بولغان ئىدى. ئۇ چۆچۈپ چەمبەرگە دەسسىۋالدى–دە، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ دادىسىغا قارىدى. دادىسى يەنە ۋارقىرىدى: - ئوغلۇم! ئاناڭنى ئۆلتۈرۈشكەندە، سەن ئۈستىدە بار ئېدىڭ، ئۇنى نېمە دەپ ئۇرغان؟! -قىزىل پاچاق ئېرىڭىنى تېپىپ بەر، دەپ ! - قانداق ئۆلتۈرگەن؟ - ئوت توغرايدىغان جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن. - ئاناڭنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ شەپكىسىدە قانداق بەلگە بار ئىدى؟ بالا بېشى بىلەن مومىدىكى بايراقنى كۆرسەتتى: - ماۋۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشايتتى. - بەشتۈگمەندە ئون توققۇز ئادەمنى مەيدىلىرىدىن تۆمۈر مىخ بىلەن ئۈجمىگە مىخلاپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قانداق بەلگىسى بار ئىدى؟ - مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. - بېتىمدىن كىيىن تاشقورغاندىن يېنىپ كەلگەن قىرىق ئادەمنى تىرىكلا خۇمدانغا سالغانلارنىڭچۇ؟ - ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى. - ئوغلۇم! سەن چىقارغان ئاشۇ بايراقنى يوقىتىمىز دەپ نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر قۇربان بولدى. بىز يوقىتىمىز دەپ كۈرەش قىلغان بايراقنى سەن چىقىرىپسەن، قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن؟ داداڭنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن؟ بالا شۈككىدە بولۇپ قالدى. مۇدىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بوۋاينىڭ ئاغزىغا مۇشت بىلەن ئۇردى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ، ئۆڭۈپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ ئالدى پىشىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى. بالا بىردىنلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۇقىرىغا ياماشتى–دە، ھايت–ھۇيت دېگۈچە مومىنىڭ ئۇچىغا يەنە چىقىپ بولدى. مۇدىر ۋارقىرىدى : - يېنىپ چۈش! يېنىپ چۈش! داداڭنى ئېلىپ كەت! لېكىن بالا مومىدىن چۈشمىدى … ئۇنىڭ پەسكە قاراپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى: - دادا! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول! مەندىن رازى بول …!- ئۇ مومىنىڭ ئۇچىنى چىڭ قۇچاقلاپ، پۇتلىرىنى مومىغا قاتتىق تىرەپ تۇرۇپ، مومىنى شۇنداق قاتتىق لىڭشىتتىكى، موما ئىرغاڭلاپ تۈۋى تەرىپى غاراسلاپ كەتتى. تۆۋەندە قاراپ تۇرغانلار ئىچىدە ئاللا-چۇقان كۆتۈرۈلدى. ' مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى' ناملىق ھېكايىدىن پارچە ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ ، سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ . -ئادولىف گىتلىر بۇ ھېكايىنى ئەمدى چۈشۈنىۋاتىمەن،ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمگە ياش كەلدى……
1 like