559w
صبيحة
(Hi No. 1424739)
ئىزدىمىسە،ئىزدىمەي دەپ ئۆتەلمەيمەن.بىر كىملەر بار توغرا سۆزلۈك،توغرا نىيەت،
ئىزدىمىسە ئىزدىمەي دەپ ئۆتەلمەيمەن،
يۇققان بولسا خىسلەتلىرى ماڭا بىر ئاز،
دىگەچكىمۇ پەرۋانىدەك كېتەلمەيمەن.
ئارتۇقچىمەن ئۇلار ئۈچۈن بەلكىم ئۆزۈم،
شۇنداقتىمۇ يولى قاراپ تۆتتۇر كۆزۈم.
ئىزدەپ قويسا بىرەر نۆۋەت،بولسا ئاكتىپ،
چۇڭۇلداپلا ئاينىپ كېتەر شۇ چاغ سۆزۈم.
كىملەر دەمسىز؟ئېيتىپ بېرەي ئاڭلاپ بېقىڭ،
ئۆزىڭىزنى ھەم بۇنىڭغا دەڭسەپ بېقىڭ.
چۈشۈپ قالسا ھەممە تەرەپ ،ئىلتىماسىم:
ماڭىمۇ بىر سالاملارنى يوللاپ بېقىڭ.
ئاللاھىمنى سۆيسە دىلى،ئىخلاس بىلەن،
دەۋەت قىلسا توغرا يولغا ،خۇش سۆز بىلەن.
كۆڭلى ئوچۇق،پاكىز بولسا قەلبىمۇ ھەم،
ھەق يوللاردا ماڭغان بولسا مەزمۇت تېرەن.
خاتا سۆزنى قىلىپ قالسام،ھاي ھاي دىسە،
ئىمانىمدا سۇسلۇق بولسا غەملەر يىسە.
كۆڭلۈمنى دەپ يوشۇرمىسا كېسىلىمنى،
خاتالىقنى تونىساممەن شۇئان كۈلسە.
قاقشاش،غەيۋەت يىراق بولسا تىللىرىدىن،
ھەسەت،گۇمان تېپىلمىسا دىللىرىدىن.
ئوچۇق يورۇق،بولسا ماڭا بىرنى بىردەپ،
كۆرەلمىسەم ساختىلىقنى كۆزلىرىدىن.
خاتا قىلسام ئېسىمگە بىر سېلىپ قويسا،
ئۆزرە ئېيتسام ئىلىكىگە ئېلىپ قويسا.
رازى ئىدىم سوكۇلدىسام ئارقىسىدىن،
باققىنىمدا كۆزلىرىگە ،كۈلۈپ قويسا.