Avatar
578w
♥جان پىدا♥ (Hi No. 2057652)
قازا قىپ كەتكەندە ھايات بولغان بولسا مەككىگە يۈدۈپ ئاپىراتتىم! دىگەن شۇ ئانىلىرىمىزغا ھايات ۋاقتىدا نىمىلارنى قىلىپ بەرگەنتىمىز … ‏ ‏بىر ياش ۋاقتىڭدا سىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ يۇيۇپ تازىلىدى . سەن پۈتۈن كېچە يىغلاپ رەھمەت ئېيىتتىڭ .  ‏ئىككى ياشقا كىرگىنىڭدە مېڭىشنى ئۈگەتتى. سەن بولسا ئۇنىڭغا لازىم بولغاندا قېچىپ رەھمەت ئېيىتتىڭ.  ‏ئۈچ ياشقا كىرگىنىڭدە ساڭا ئاتاپ ئىسىل تاماق تەييارلىدى . سەن تاۋاقنى يەرگە ئېتىپ رەھمەت ئېيىتتىڭ.  ‏تۆت ياشقا كىرگەندە يېزىش- سىزىشنى ئۈگەنسۇن دەپ قەلەم بەردى. سەن بولساڭ تاملارنى بوياپ رەھمەت ئېيىتتىڭ.  ‏بەش ياشقا كىرگىنىڭدە ساڭا ھېيىتلىق چىرايلىق كىيىملەرنى كىيگۈزدى. سەن بولساڭ كىيىملەرنى مەينەت قىلىپ رەھمەت ئېيىتتىڭ.  ‏ئالتە ياشقا كىرگىنىڭدە ئۇ سىنى مەكتەپكە تىزىملاتتى. سەن بولساڭ بارغۇم يوق دەپ ۋارقىراپ جارقىراپ رەھمەت ئېيىتتىڭ.  ‏ئون ياشقا كىرگىنىڭدە سېنى باغرىغا بېسىش ئۈچۈن مەكتەپتىن كېلىشىڭنى كۈتتى. سەن بولساڭ ھىچنىمىگە قارىماي ياتىقىڭغا كىرىپ كېتىش بىلەن رەھمەت ئېيىتتىڭ.  ‏ئون بەش ياشقا كىرگىنىڭدە سەن ئىمتاھاندىن ئۆتسەڭ ھاياجاندىن ياش تۆكەتتى. سەن بولساڭ ‏ئىمتاھاندىن ئۆتكىنىم ئۈچۈن بىر نەرسە سوغات قىل دەپ رەھمەت ئېيىتتىڭ.  ‏يىگىرمە ياشقا كىرگىنىڭدە ئۇ سېنىڭ تۇققانلارنىڭكىگە بىللە بېرىشىڭنى ئارزۇ قىلاتتى . سەن بولساڭ دوستلىرىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ رەھمەت ئېيىتتىڭ.  ‏يىگىرمە بەش ياشقا كىرگىنىڭدە سېنىڭ چىقىملىرىڭنى قىلىپ ئۆيلەپ قويدى ئەمما سىلەر ئەر خوتۇن ئىمكان بار يىراق يەردىن ئۆي تۇتۇپ رەھمەت ئېيىتتىڭ .  ‏ئوتتۇز ياشقا كىرگىنىڭدە ساڭا بالىلار توغرۇلۇق بەزى نەسىھەتلەرنى قىلىۋىدى سەن «بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ئارلاشما » دەپ رەھمەت ئېيىتتىڭ.  ‏ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگىنىڭدە « مېنىڭكىدە ناشتا قىلغىن» دەپ ساڭا تېلفۇن قىلدى سەن بولساڭ « مەن موشۇ كۈنلەردە بەك ئالدىراش» دەپ رەھمەت ئېيىتتىڭ.  ‏قىرىق ياشقا كىرگىنىڭدە ئۆزىنىڭ كىسەلچان بولۇپ قالغانلىقى سېنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىڭ كىرەكلىكىنى ئېيىتتى سەن بولساڭ ئاتا-ئانىنىڭ ئېغىرچىلىقى بالىلارغا چۈشىدۇ دەپ كۆڭلىگە تىگىپ رەھمەت ئېيىتتىڭ.  ‏ئۇ بىچارە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساڭا بولغان مۇھەببىتى يۈرىكىدە ئۆچمىگەن ھالدا بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ . ئەگەر ئاناڭ يېنىڭدا بولسا ئۇنى تاشلىۋەتمە، ئۇنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىنى ئۇنۇتما، پۈتۈن ئاماللار بىلەن ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشقىن .  ‏چۈنكى سېنىڭ ھاياتتا پەقەت بىر تاللا ئاناڭ بار، ئۇ ئۆلسە سېنى پەرىشتىلەر« سېنىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىشتىكى تايانىچ ئادىمىڭ ئۆلۈپ كەتتى» دەپ نىدا قىلىدۇ. شۇڭا ئانىلار ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇڭلار!!!
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
2 Comments
🔫👆*غىرىپلەر*👆💣 :ئەسسالامۇئەلەيكۇم567w
❦ْ :جزاك الله خير كثرا578w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms