558w
Karwan
(Hi No. 1364090)
ئېرى يوقنى بىچارە دەڭلاردېھقانلارغا ئېتىزدۇر ماكان،
يېرى يوقنى بىچارە دەڭلار.
ھەممە ئىشتىن تۇلچىلىق يامان،
ئېرى يوقنى بىچارە دەڭلار.
چىقىپ قالساڭ سىرىتقا كەچتە،
شەھۋانىلار باقار ھەۋەستە،
گەپ تاپىدۇ ياكى بەس-بەستە،
ئېرى يوقنى بىچارە دەڭلار.
گۆشتىن ئالماق بولساڭ ئەگەردە،
<قاسساپجاننىڭ>كۆزلىرى سەندە،
سەسكىنىسەن يىگەندەك گەندە،
ئېرى يوقنى بىچارە دەڭلار.
ئانى تاپسا بىرى بالاڭنى،
ئاۋۇندۇرۇپ كۆڭۈل ياراڭنى،
دىيەلمەيسەن ئەمما <ئاناڭنى!!!>،
ئېرى يوقنى بىچارە دەڭلار.
كىم يارىدۇ ئوتۇن -كۆمۈرنى،
تولدىرىدۇ يەمگە ئوقۇرنى،
خورىتىدۇ ئىشلار ئۆمۈرنى،
ئېرى يوقنى بىچارە دەڭلار.
قاراپ قالسا ئېرى نېرىدىن،
خوتۇن ئالار شۇئان گېلىدىن،
تىللار سېنى كۈنلەپ ئېرىدىن،
ئېرى يوقنى بىچارە دەڭلار.